باش بەت

ئادىلجان

8600يوللانما
123مەستانە

BMWنىڭ بۇلتۇرقى سېتىش مىقدارى ئىككى مىليوندىن ئېشىپ رېكورت ياراتتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:36 1 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە BMW ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ بۇلتۇرقى سېتىش مىقدارى يېڭى رېكورت ياراتقان بولۇپ، قارمىقىدىكى تەنھەرىكەت تىپىدىكى ئاپتوموبىل (SUV) ۋە 1 BMW يۈرۈشلۈك كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلىنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك ئاشقان، ئەمما يەنىلا رىقابەتچىسى بېنىزنىڭ ئارقىدا قالغان، بېنىزنىڭ سېتىش مىقدارى BMWنىڭ ئىككى ھەسىسىگە يېقىنلىشىدۇ. 

2017-يىلى BMW پىكاپى ۋە SUVسىنىڭ سېتىش مىقدارى %4.2 ئېشىپ ئىككى مىليون 90 مىڭغا يەتكەن، بېنىزنىڭ بولسا %9.9 ئېشىپ ئىككى مىليون 290 مىڭغا يېتىپ، ئۇدا ئىككى يىل دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىش مىقدارى چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 

BMW ئاپتوموبىلىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى SUV ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىنىڭ تەسىرىدە ئاشقان بولۇپ، 2017-يىلى SUVسىنىڭ سېتىش مىقدارى %9.6 ئاشقان، BMW يۈرۈشلۈك ئاپتوموبىلى بولسا %15 ئاشقان. 

1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىئان روبېرتسون (Ian Robertson)نىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن يېڭى سېتىش ئەمەلدارى پېتىر نوتا (Pieter Nota) مۇنداق دېدى:«2018-يىلى BMWنىڭ سېتىش مىقدارى ئۇدا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھىم نۇقتىنى پايدىغا قارىتىمىز.»

ۋولكسۋاگېن قارمىقىدىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسى ئاۋدى 12-يانۋار كەچتە 2017-يىللىق ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارىنى ئېلان قىلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • BMW M63 ئاي ئىلگىرى

    مەنBMW مەستانىسى .بۇلۇپمۇ Mتىپىغا بەكمۇ ئامراق.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号