باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

يالغۇزلۇققا چىدىماي توردا دوست ئىزدەش ئېلانى چىقارغان 82 ياشلىق بوۋايغا ھېچكىم جاۋاب قايتۇرمىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:23 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«مېترو گېزىتى> نىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن داۋى ۋاللېنس (Dave Vallance) ئىسىملىك بوۋاي پېنسىيەگە چىققان ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى بولۇپ، ئۇ بىر يىل ئىلگىرى ئايالى دورېن (Doreen) كېسەل سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتكەندىن بېرى يەككە-يىگانە ھالدا ياشاپ كېلىۋاتقانىدى، داۋىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئايالى قازالاپ كەتكەندىن بۇيان يەككە-يىگانە ھالدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغۇدەك بىرمۇ ئادەم چىقمىغان.

كېيىن داۋى ئۆزى تۇرۇشلۇق بازاردا دوست ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپ، ئۆز ئارا ھەمراھ بولغۇدەك بىرەر ئايالنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئۇنىڭ دوست ئىزدەش ئېلانى چىقىرىلىپ ئالتە ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، بىرەر پارچە جاۋاب خەت كەلمىگەن. داۋى دوست ئىزدەش ئېلانىدا تاماكا چەكمەيدىغان ھەم ھاراق ئىچمەيدىغان 70 ياشتىن ئاشقان قىز دوست تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى يازغان بولسىمۇ، لېكىن تا ھازىرغىچە بىرمۇ ئادەم ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمىغان.

لېكىن داۋى بۇنىڭلىق بىلەنلا بەل قويۇۋەتمىگەن، ئۇ ئۆزىگە ماس كەلگۈدەك لايىق ئىزدەپ تېپىشنى قەتئىي توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ ھازىر ئەرمەك ئىتى بىلەن بىللە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يالغۇز ياشاشنى خالىمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ئايال دوست تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • FM3163 ئاي ئىلگىرى

    بانكىدا پۇلۇم كۆپ دەپ چىقارغان بولسا پىچەت قىزلا ئىزدەيتى

  • 红尘有你3 ئاي ئىلگىرى

    مىليۇننىڭ ئىگىسى بولغان بولسا زەەە

  • شىرىن…3 ئاي ئىلگىرى

    ياشانغانلارنىڭ يالغۇز قېلىشى بەك يامان ئازاپلىق بولدۇ ھەي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号