باش بەت

نۇسرەتگۈل

8989يوللانما
149مەستانە

خىزمەتدىشىنىڭ ئېلېكترونلۇق ھەميانىدىكى پۇللىرىنى ئوغرىلىغان قىز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:41 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

باشقىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ھەميانىدىكى پۇلنى يۆتكەپ كەتسە ئوغرىلىق قىلغان بولمامدۇ؟ يۈننەن جېنشيوڭلۇق بۇ قىزنىڭ باھانىسى نېمىدېگەن غەلىتە. 1-ئاينىڭ 9-كۈنى يۈننەن جېنشيوڭ ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر قىز خىزمەتدىشىنىڭ ئۈندىدار ھەميانىدىكى پۇللارنى ئوغرىلىغان ھەم «ئېلىكترونلۇق پۇل يۆتكىسە ئوغرىلىق قىلغان بولمايدۇ» دېگەن. نۆۋەتتە، بۇ قىز ج خ ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2017-يىلى 11-ئايدا فۇ xx سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ جېنشيوڭغا قايتقاندىن كېيىن شەھەردىكى مەلۇم بىر ئورۇقلىتىش ئورنىغا بېرىپ ئىشلىگەن، بىكار بولغانلىرىدا خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۈندىداردا قىزىل بولاق ئېتىشىپ، ئېلىشقان، پومىشچىك ئويۇنى ئوينىغان. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 20لەردە بىكارچىلىقتا ئىچى پۇشقان فۇ xx ئورۇقلىتىش ئورنىغا خىزمەتداشلار بىلەن پاراڭلاشقىلى كەلگەن. بىراق، زالدا ئادەم يوقلۇقى، نۆۋەتچىلىكتە تۇرىدىغان ئادەمنىڭ باشقا خانىدە ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ خىزمەتدىشى جاڭ xxنىڭ يانفونى زەرەتلىنىۋاتتى. شۇنىڭ بىلەن فۇ xx يانفوننى ئېلىپ ئويناشقا باشلىغان، ئارىلىقتا فۇ xxكە بىرەيلەن تېلېفون قىلغان، فۇ xx خىزمەتدىشىنىڭ يانفونىنى يانچۇقىغا سېلىپ زالدىن چىقىپ پاراڭلاشقان، كېيىن فۇ xx دۇكانغا كىرىپ يانفوننى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغاندا خىزمەتدىشىنىڭ ئۆزىنى ئوغرى دەپ گۇمانلىنىشىدىن ئەنسىرىگەن. 

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا دوستى فۇ xxنى ناخشا ئېيتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن فۇ xx يانفوننى ئېلىپلا سىرتقا چىققان ھەم تۇرالغۇسىغا قايتقاندىن كېيىن خىزمەتدىشىنىڭ ئۈندىدار ۋە چىقىمدانىدىكى 3143 يۈەننى ئۆزىنىڭكىگە يۆتكىۋالغان، جاڭ xx يانفونى يۈتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ساقچىلار پۇل يۆتكەش لىنىيەسى بويىچە فۇ xxنى چاقىرتىپ كەلگەن. بىراق، فۇ xx پۇل يۆتكىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئوغرىلىق قىلمىدىم دەپ تۇرۇۋالغان.

2018-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى فۇ xx ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号