باش بەت

نۇسرەتگۈل

8989يوللانما
149مەستانە

گۇيياڭدىكى بىر ئاپتوبۇستىن تولۇق يېتىلمىگەن ئىككى ھامىلە بايقالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:45 2 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سەي ئاچا بىر تازىلىق ئىشچىسى. 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئۇ گۇيياڭ پويىز ئىستانسىسىدا تازىلىق قىلىش جەريانىدا بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن بىر قارا سۇلياۋ خالتا تېپىۋالدى ھەم خالتىنى ئېچىش بىلەنلا قاتتىق چۆچۈپ كەتتى!

سەي ئاچا دەسلەپتە ئۇنى بىرەر يولۇچى چۈشۈرۈپ قويغان نەرسە ئوخشايدۇ دەپ مۇلازىمەت پونكىتىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق، خالتىنى ئېچىپ ئىچىدە ئىككى ھامىلە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالدى. ئۇ يەنە گەرچە ھامىلىلەر تولۇق يېتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما باش ۋە پۇتلىرى يېتىلىپ بولغانلىقى، جىنسىنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

10 نەچچە مىنۇتتىن كېيىن گۇيياڭ شەھەرلىك ج خ تارماق ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.

ھامىلە نەدىن كەلگەن، يەنە قانداق بولۇپ ئاپتوبۇسقا تاشلاپ قويۇلغان؟ نۆۋەتتە، ساقچىلار بۇ ئىشنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چىچەكخان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەر ھالدا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتمەي ئابتوبوسقا تاشلاپ قويۇپتۇ ،چۈشۈرۋەتكەن ھامىلە ئوخشايدۇ

  • چىچەكخان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەر ھالدا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتمەي ئابتوبوسقا تاشلاپ قويۇپتۇ ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号