باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

دۇنيا شەخسىي كومپيۇتېر بازىرىنىڭ سېتىش مىقدارى ئۇدا 13 پەسىل تۆۋەنلىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:56 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى Gartner ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىل 4-پەسىلدە پۈتۈن دۇنيا PC بازىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 71 مىليون 600 مىڭ دانىگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇدا 13 پەسىل تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. 2017-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا دۇنيا PC بازىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 262 مىليون 500 مىڭ دانىگە يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇدا ئالتە يىل تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. Gartnerنىڭ دوكلاتىدا بايقىلىشىچە، PCنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سېتىش مىقدارى داۋاملىق ئاشقان. بىراق ئامېرىكا بازىرىدىكى سېتىش مىقدارى تېز سۈرئەتتە %8 تۆۋەنلىگەن.

    

يۇقىرى دەرىجىلىك مال بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرى ئىچىدە HP شىركىتى PC بازىرىدا سېتىش مىقدارى جەھەتتە بىرىنچىلىكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق مال چىقىرىش مىقدارى %6.6 ئېشىپ PC بازىرىنىڭ %16.1نى ئىگىلىگەن. ليەنشياڭ ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سېتىش مىقدارى %1 تۆۋەنلىگەن، دېل شىركىتىنىڭ سېتىش مىقدارى 1% ئاشقان، ئالما شىركىتىنىڭ سېتىش مىقدارى بولسا %1.4 ئاشقان.

ئامېرىكا بازىرىدا HPنىڭ سېتىش مىقدارى ئاران %1.6 ئاشقان، ئەمما ئىكىنچى رەتكە تىزىلغان دېل شىركىتىنىڭ سېتىش مىقدارى %12.3 تۆۋەنلىگەن. ئالمىنىڭ سېتىش مىقدارى %1.6 تۆۋەنلەپ ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، بازار ئۈلۈش بولسا %13 بولغان. ليەنشياڭ شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىش مىقدارى %23 تۆۋەنلىگەن.   

Gartnerنىڭ ئانالىزچىسى مىكاكو كىتاگاۋانىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بازىرىدىكى PCنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى PCنىڭ مال سېتىۋېلىش پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى سوۋغات بۇيۇمى بولمىغانلىقىدىن باشقا يەنە مۇھىم سەۋەبلەرمۇ بار ئىكەن، مەسىلەن ئامازوننىڭ ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياڭراتقۇسى Echo قاتارلىقلار تەسىر كۆرسەتكەن.   

داڭلىق بازار تەتقىقات شىركىتى IDC شىركىتى 12-يانۋار 2017-يىلى 4-پەسىللىك دۇنيا PC بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 4- پەسىلدە پۈتۈن دۇنيا PC مال چىقىرىش مىقدارى 70 مىليون 600 مىڭ دانىگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %0.7 ئاشقان، ئالتە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئەمما Gartne نىڭ دوكلاتى بىلەن ئوخشاش بولغىنى باشقا دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا بازىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلىشى يەنە بىر قېتىم دەلىللەنگەن. ھازىر تېخىمۇ كۆپ PCلار پۈتۈن كۈن ئىشلىتىشكە يېتىدىغان باتارېيە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئېلىپ يۈرۈشكە تېخىمۇ قولايلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ ھېسابلاش ئىقتىدارلىرى ئېھتىياجنى تامامەن قاندۇرالايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ھازىر بىر قىسىم ئىستېمالچىلارلا ئەستايىدىللىق بىلەن دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان PCنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشى مۇمكىن.  

گەرچە ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئىستېمالچىلىرىنىڭ PC ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى PCنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە خاتىرە كومپيۇتېر سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەش نەتىجىسىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يەنىلا ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ھېسابلاش قورالىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号