باش بەت

نۇسرەتگۈل

8989يوللانما
149مەستانە

توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى بالا باققۇچى بولدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:58 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا جېڭجۇ شەھىرى توڭبو يولى ج خ تارماق ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر قاچقۇن جىنايەتچىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.

يېرىم سائەتكە يېقىن ئىزدەش ئارقىلىق ساقچىلار توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەت گۇماندارى چېڭ xxنى قولغا چۈشۈردى. نەق مەيداندا ساقچىلار سورىغان بىر سوئالنىڭ جاۋابى ئەتراپتىكىلەرنى قاتتىق چۆچۈتتى. ساقچىلار: «ئۇ قولغا چۈشكەندىن كېيىن قايتىپ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەكلىكى، ئۆيىدە كىچىك بالا بارلىقىنى ئېيتتى. ھازىر نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورىساق مۇشۇ رايوندا بالا باقىدىغانلىقى، بالىنىڭ ئالتە ئايلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن بەكلا چۆچۈپ كەتتۇق» دېدى.

توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى بالا باقامدۇ؟ ساقچىلار ئۇ ئىشلەيدىغان ئائىلىگە خەۋەر قىلىۋەتكەندىن كېيىن چېڭ xxنى ئېلىپ كەتتى.

ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى چېڭ xxنىڭ 2016-يىلى 11-ئايدا قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن پىڭدىڭشەن ساقچىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقى، كېيىن يۇرتىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ ئىككى ئاي ئىلگىرى جېڭجۇغا كەلگەنلىكى، جېڭجۇدا سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ بالا باققۇچى بولغانلىقىنى بايقىدى.

نۆۋەتتە، چېڭ xx جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号