باش بەت

خەندان

1480يوللانما
101مەستانە

كورېيە GFRIEND گۇرۇپپىسىنىڭ ئاسىيا سەييارە ناخشا كېچىلىكى 28-فېۋرالدىن تارتىپ تەيۋەندە باشلىنىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:38 1 ئىنكاس چۈشتى

20180112213222255.jpg

كورېيە تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، قىزلار ناخشا گۇرۇپپىسى GFRIEND ئاسىيا سەييارە ناخشا كېچىلىكىنى قانات يايدۇرىدۇ، تۇنجى بېكەت تەيۋەندىن باشلىنىدۇ.

ۋاسىتىچى شىركەت Source Music تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

GFRIEND گۇرۇپپىسى تەيۋەندىكى ناخشا كېچىلىكىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كەينىدىنلا تايلاند، شياڭگاڭ، سىنگاپور ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلاردا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. GFRIEND بۇ قېتىمقى سەييارە ئويۇن قويۇش ئارقىلىق ئەڭ ئالقىشلىق KPOP قىزلار ناخشا گۇرۇپپىسى سالاھىيىتى بىلەن چەتئەلدىكى مەستانىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ.

1-ئاينىڭ 6-7-كۈنلىرى، GFRIEND گۇرۇپپىسى سېئول ئولىمپىك باغچىسىدا ناخشا مۇنبىرىگە قەدەم قويغاندىن بۇيانقى تۇنجى ناخشا كېچىلىكى «Season of GFRIEND» نى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ كېچىلىك قىزغىن ئەكىس سادا پەيدا قىلدى. GFRIEND گۇرۇپپىسى بۇ قىزغىن كەيپىياتنى چەتئەللەردە قويغان ئويۇنلىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئاسىيادىكى مەستانىلىرىگە ساپ ھەم چەكسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە سەھنە ئاتا قىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا، GFRIEND گۇرۇپپىسىنىڭ ئاسىيادىكى سەييارە ناخشا كېچىلىكى تەيۋەن مۇساپىسى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجۇاڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇلارنىڭ كونا ناخشىلىرىدىن بىر پەدە:

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئ‍ۈمىد3 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي ئانامەي ما قىزلارنىڭ چىرايى ئوپمۇئوخشاشكەنغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号