باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

ياپونىيەدە يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى يامراپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:54 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە NHK تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ توكوشىما ناھىيەسى قاتارلىق تۆت ناھىيەسى شۇنداقلا كاگاۋا ناھىيەسىدە كەڭ كۆلەمدە يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى يامراپ كەتكەن بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمىنىڭ تېخىمۇ يامراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللىقاچان 92 مىڭ تىرىك توخۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى بۇ يىل قىش پەسلى كىرگەندىن بۇيان ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ۋابا بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ياپونىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە «يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمىغا قارشى تەدبىر ئىچكى كابېنت يىغىنى» ئاچقان.

ياپونىيىنىڭ كاگاۋا ناھىيەسى كاماخىرو شەھىرىدىكى مەلۇم توخۇ باقمىچىلىق فېرمىسىدا مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى 55 دانە ئۆلۈك توخۇ بايقالغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ 55 دانە ئۆلۈك توخۇنى خىمىيەلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، H5 تىپلىق يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ بۇ توخۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان. كەينىدىنلا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 11-چېسلادىن باشلاپ يۇقارقى توخۇ باقمىچىلىق فېرمىسى ئەتراپىدىكى بارلىق توخۇ باقمىچىلىق فېرمىلىرىدا بېقىلىۋاتقان 92 مىڭ دانە توخۇنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى تىرىك توخۇ ئۆلتۈرۈش پىلانى 12-چېسلا كەچقۇرۇن ئاياغلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

كاگاۋا ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ 750 نەپەر خىزمەتچىسى ۋە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇ قېتىمقى تىرىك توخۇلارنى ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى توخۇلار مەخسۇس دېزىنفىكسىيەلەنگەن قاچا-ئىدىشلارغا قاچىلىنىپ دېزىنفىكسىيەلەنگەندىن كېيىن ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号