باش بەت

زۆھەل

271يوللانما
19مەستانە

يەنە بىر شىركەت ئاندوريىد سىستېمىسىدىكى iPhone X يانفونىنىڭ كىلون نۇسخىسىنى چىقاردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:56 1 ئىنكاس چۈشتى

تىڭشۈن تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن كۆپچىلىككە تۇنجى نۇسخىدىكى iPhone Xنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىسىدىكى تەقلىدىي يانفونى Leagoo S9نى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون iPhone Xنىڭ يۇمىلاق يانفون گەۋدىسى لايىھەسى ۋە ئېكران ماڭلىيى لايىھەسىنى كۆچۈرگەن بولۇپ، بىر قاراشتىلا كىشىگە ئالما شىركىتى ئىشلەپچىقارغان iPhone X يانفونىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

Leagoo جۇڭگودا ھېچقانچە تەسىر كۈچكە ئىگە بولمىغان يانفون ماركىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما يېقىندا يەنە بىر زاۋۇتمۇ iPhone X نىڭ تەقلىدىي نۇسخىسىنى ياساپ چىقتى.

ئۆتكەن يىلى Oukitel تىپ نومۇرى K10000 بولغان بىر تۆۋەن ئىقتىدارلىق يانفوننى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى ئۇنىڭغا 10000mAhلىك سىغىمدىكى باتارېيە سەپلەنگەن. Oukitelنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى باھاغا نائىل بولالمىغان.

ھازىر Oukitel تىپ نومۇرى U18 بولغان يېڭى يانفونىنى چىقارغان بولۇپ، قارىماققا iPhone X يانفونىنىڭ كىلون نۇسخىسىغىلا ئوخشايدۇ.

بۇ مەھسۇلات 1-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا iPhone Xكە ئوخشاش ماڭلاي ئورۇنلاشتۇرۇلغان پۈتۈن ئېكران لايىھەسى قوللىنىلغان، ئېكران ئىگىلەش نىسبىتى 21:9، يانفون گەۋدىسى تولىمۇ نېپىز بولۇپ، قولغا راھەت سېزىم بېرىدۇ.

U18 يانفونىدىن قويۇق iPhone X پۇرىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇنىڭ ئاستى قىسمى iPhone X يانفونىدەك پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلگەن بولماستىن، بەلكى ئاز بىر قىسىمى ساقلىنىپ قالغان.

iPhone X يانفونىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما كۆپ پۇل خەجلەشكە قۇربىتى يەتمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا Oukitel U18 يانفونىمۇ بىر خىل تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ سەپلىمىسى نۆۋەتتىكى ئاندىرويىد يانفون ساھەسىدە ئوتتۇراھال سەۋىيەدە بولۇپ، 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 64GB ساقلاش بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئېتىلگەن، 1512×720p ئېنىقلىقتىكى 5.85 دىيۇملۇق ئېكران ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يانفون بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بازارغا سېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سامسۇڭ ھەۋاسكارى3 ئاي ئىلگىرى

    ئېسىل ئېسىل ئېسىل ئېسىل

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号