باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

ماداغاسقاردا بايقالغان تارىختىن ئىلگىرىكى غايەت زور قۇش تۇخۇمى 100 مىڭ دوللارغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 22:40 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يۇقارقى سۈرەت بولسا «مەن دۇنيانى ئايلىنىپ چىقىمەن» گۇرۇپپىسى ئافرىقا قىتئەسىگە جايلاشقان ئارال دۆلەت ماداغاسقاردا سۈرەتكە تارتىۋالغان ماداغاسقار ئارىلى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بازىرى ئىدى.

ماداغاسقار ئارىلىدىكى نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر يىغىپ ساقلاشقا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك بۇيۇملار بولۇپ، بۇ يەردە ھەر خىل خۇش پۇراقلىق ئوت، راففا ئۆسۈملۈكى شۇنداقلا ھەر خىل گۆھەر-ياقۇت ۋە تاشقا ئايلانغان جىسىم قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ.

بۇ يەردە يۇقارقىدەك بۇيۇملارنىڭ كۆپلەپ چىقىشى ئاساسلىقى ماداغاسقار ئارىلىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىدىن بولۇپ، چۈنكى ماداغاسقار ئارىلى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى دېڭىز ئاستىدىكى يانار تاغنىڭ پارتلاپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەنىدى، پۈتكۈل ئارال يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان ماگمىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، شۇڭلاشقا ماداغاسقار ئارىلىدا گۆھەر-ياقۇت ۋە تاشقا ئايلانغان جىسىم قاتارلىق بۇيۇملار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.

يۇقارقى سۈرەتتىكىسى بولسا ناھايىتى چىرايلىق شاتۇت قۇلۇلىسىنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمى بولۇپ، ناھايىتى نەپىس كۆرۈنىدىغان بۇ خىل تاشقا ئايلانغان جىسىم ماداغاسقار ئارىلىنىڭ ئۆزگىچە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ خىل بۇيۇمنىڭ باھاسى ئادەتتە 200~300 يۈەنگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ خىل بۇيۇمنىڭ باھاسى چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن چوقۇم باھاسىنى تالىشىپ سېتىۋېلىش لازىم.

يۇقارقى سۈرەتتىكىسى بولسا تالسىمان پولىپتىن ياسالغان مارجان بولۇپ، قول مارجاننىڭ باھاسى تازا ئۆرلىگەن چاغلاردا بىر تال قول مارجاننىڭ باھاسى نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە ئۆرلەپ كەتكەنىدى.

بىز ساياھەت جەريانىدا ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان بىر بۇلۇڭدا تۇرغان غايەت زور تۇخۇمنى بايقاپ قالدۇق، بۇ تۇخۇمنىڭ چوڭلۇقى ئادەتتىكى توخۇ تۇخۇمىنىڭ 100 ھەسسىسىدىن كۆپرەك چىقاتتى.

بىز بۇ تۇخۇمنىڭ چوڭلۇقىنى ھەقىقىي ئادەمگە سېلىشتۇرساقلا ئۇنىڭ زادى قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز، تۇخۇمنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ ئەر بولسا ئېگىزلىكى 1.7 مېتىر، ئېغىرلىقى 70 كىلوگرام كېلىدىغان ئافرىقىلىق ئەر بولۇپ، بۇنىڭدىن تۇخۇمنىڭ زادى قانچىلىك يوغان ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ تۇخۇمنىڭ ھەقىقىي ئىسمى «پىل قۇش تۇخۇمى» بولۇپ، پىل قۇش بولسا كىشىلەر تەرىپىدىن دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ باققان ئەڭ چوڭ قۇش دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى، بۇ خىل ئۇچالمايدىغان قۇش ماداغاسقار ئارىلىدا ياشىغان ئەڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇش تۈرى ئىدى.

ئىلگىرى بۇ خىل غايەت زور قۇش تۇخۇمى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىپ رېكورت ياراتقانىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号