باش بەت

يىغلاڭغۇ

22يوللانما
0مەستانە

كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 22:40 0 ئىنكاس چۈشتى

ھەر يىلى غەيرىي كەسپىي خاراكتېرلىك كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك ۋە ئۆلۈم كۈندىن-كۈنگە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسىگە ئايلاندى، ئاممىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا غەيرىي كەسپىي خاراكتېرلىك كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم يول.

زەھەرلىنىش كۆپ يۈز بېرىدىغان سورۇن، كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل ۋە كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون.

(1) ئائىلە

يېقىنقى بەش يىلدىكى مەملىكەت بويىچە كۆزىتىلگەن سانلىق مەلۇمات ستاتىستىكىسىغا ئاساسەن، غەيرىي كەسپىي خاراكتېرلىك كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش يۈز بەرگەن ئورۇن ئاساسلىقى ئائىلە بولۇپ، تەخمىنەن بارلىق غەيرىي كەسپىي خاراكتېرلىك كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىنىڭ %95.8 نى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

  1. ھاۋا ئالمىشىشى ناچار مۇھىتتا مەش، كۆمۈر ئوچىقى، كاڭ، تام مەش قاتارلىق ئىسىنىش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىش.

2. يانار گاز، كۆمۈر گازىلىق سۇ ئىسسىتقۇچنى ئىشلىتىش، قۇراشتۇرۇش توغرا بولماسلىق ياكى سۈپىتى لاياقەتسىز بولۇش.

3. گاز ئوچىقى ياكى كۆمۈر گازى تۇرۇبىسىدىن گاز قېچىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋال يۈز بېرىش.

(2) باشقا سورۇنلار

باشقا سورۇنلاردىكى غەيرىي كەسپىي خاراكتېرلىك كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشتىكى ئاساسلىقى خەتەرلىك ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

1. كوللېكتىپ ئاشخانا، رېستۇران، مېھمانخانا قاتارلىق يېمەك–ئىچمەك، ياتاق مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ئىسىنىش ئوچىقى، يانار گاز، كۆمۈر گازى ئۈسكۈنىسى ھەمدە شامال ئۆتۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىشى، قوراشتۇرۇشى ياكى ئاسرىشى مۇۋاپىق بولماسلىق.

2. تار، يېپىق ماشىنا ئىسكىلاتى ياكى يەر ئاستى ئۆيى ئىچىدە كىچىك تىپتىكى ماي، پار گېنېراتورى ئىشلىتىش.

3. ماشىنىنىڭ كەينىدىن گاز قويۇپ بېرىشنى ئۇزاققىچە ھىم ئېتىلگەن ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ماشىنا ئىچىدە ئېلىپ بېرىش.

غەيرىي كەسپىي خاراكتېرلىك كاربون چالا ئوكسىد روشەن پەسىل خاراكتېرلىك كۆپ يۈز بېرىش ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەن. زەھەرلىنىش كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل بولسا قىش پەسلى، ھەر يىلى 11-ئايدىن كېلەر يىلى 3-ئايغىچە ۋەقە كۆپ يۈز بېرىدىغان ئاي، 12-ئايدىن كېيىنكى يىلى 1-ئايغىچە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، كېيىنكى يىلى 4-ئايدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، 4-،5-ئايدا پەقەت ئاندا-مۇندا يۈز بېرىدۇ. پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى قىش ئەتىيازلىق ئىسىنىش مەزگىلى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك. غەيرىي كەسپىي خاراكتېرلىك كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش كۆپ يۈز بېرىدىغان ئۆلكىلەر ئاساسلىقى دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالى، شىمالىي جۇڭگو ۋە شەرقىي ئوتتۇرا رايونلارغا تارقالغان.

قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟

(1) مەش، كۆمۈر ئوچىقى قاتارلىق ئىسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش

1. قىش پەسلىدە ئەگەر شارائىت يار بەرسە ئامال بار مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى تاللاش كېرەك.

2. ئۆي ئىچىدە مەش، كۆمۈر ئوچىقى قاتارلىق ئىسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە، كۆمۈرنى تولۇق كۆيدۈرۈش، دۈملەپ قويماسلىق كېرەك. دائىم ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئۆي ھاۋاسىنى ساپ ساقلاش كېرەك.

3. مەشكە كاناي ئورنىتىش كېرەك، كاناينىڭ ئۇلىنىشى تەرتىپ بويىچە بولۇشى كېرەك (كاناينىڭ توم بىر تەرىپى مەش تەرەپكە قارايدۇ)، گاز قېچىشتىن ساقلىنىش؛ كاناي ئېغىزىنى ئەڭ ياخشىسى شامال ئۇرۇلىۋاتقان تەرەپكە قىلىش، ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويغان كانايغا ئەڭ ياخشىسى بوران-چاپقۇندىن توسۇس تاختىسى قوشۇپ ئورنىتىش ياكى جەينەك دېتال قوشۇپ، شامالنىڭ كۆمۈر گازىنى پۈۋىلەپ ئۆيگە كىرگۈزۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئۆي ئىچىگە چوقۇم ھاۋا ئالماشتۇرغۇچ ئورنىتىش، ئۇنى ئەڭ ياخشىسى ئىشىك–دېرىزىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىش كېرەك.

4. گاز ئوچىقى، كۆمۈر ئوچىقى قاتارلىق ئىسىنىش ئۈسكۈنىسىنى توغرا قوراشتۇرۇش، توغرا ئىشلىتىش، ئوچاقنى قەرەللىك تەكشۈرۈش، تۇرخۇن، ھاۋا ئالماشتۇرغۇچنى ئاسراش ۋە تازىلاش، تۇرخۇن، ھاۋا ئالماشتۇرغۇچنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش.

5. گازى ئوچىقى، كۆمۈر ئوچىقى قاتارلىق ئىسىنىش ئۈسكۈنىسىنى ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتىلايدىغان، ئاسان پارلىنىدىغان زەھەرلىك ماددىلاردىن يىراقتا قويۇش كېرەك، بىۋاستە ياتاق ئۆيدە قويماسلىق. مەسىلەن، شارائىت يار بەرسە، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ئوچاقنى سىرتقا ئەچىقىۋېتىش.

6. تۆۋەن ھاۋا بېسىمىدا، نىسپىي نەملىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يامغۇر، مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايى قاتارلىق شارائىتتا، ئامال بار مەش، كۆمۈر ئوچىقى قاتارلىق ئىسىنىش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتمەسلىك؛ ئۆيدە ساماۋەر شورپىسى يېگەندە، ئەڭ ياخشىسى كۆمۈر، كۆمۈرلۈك يەل قازان ئىشلەتمەسلىك، ئەگەر ئىشلەتسە، ئەڭ ياخشىسى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان چوڭ زالدا قويۇش ياكى ئىشىك–دېرىزىنى ئچىپ شامال ئۆتۈشتۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

7. ئۆيدە مەش، كۆمۈر ئوچىقى قاتارلىق ئىسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى كاربون چالا ئوكسىدنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىش، ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئاسراپ، تەكشۈرگۈچنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(2) يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازىلىق سۇ ئىسىتقۇچ

1. يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازىلىق سۇ ئىسىتقۇچ سېتىۋالغاندا، مۇنتىزىم زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان، سۈپەتلىك سۇ ئىسىتقۇچ تاللاش؛ چوقۇم كەسپىي خادىم ئورنىتىشى، تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك.

2. يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازىلىق سۇ ئىسىتقۇچ ئىشلەتكەندە، شامال ئۆتۈشۈشنى ياخشىلاش كېرەك، يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن سۇ ئىسىتقۇچ پۈتۈنلەي ئېتىلدىمۇ يوق تەكشۈرۈش كېرەك.

3. يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازىلىق سۇ ئىسىتقۇچنىڭ بېسىم تۆۋەنلىتىش كلاپانى ۋە نەيچىسىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئەگەر بۇزۇلۇش، داتلىشىپ چىرىش، گاز قېچىش قاتارلىق مەسىلىلەر بايقالسا ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

4. ئۆيدە يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازىلىق سۇ ئىسسىتقۇچ ئىشلەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى كاربون چالا ئوكسىد تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىش، ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئاسراپ، تەكشۈرگۈچنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 (3) يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازى ۋە تۇرۇبا يولى

1. يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازىلىق ئوچاق سېتىۋالغاندا، مۇنتىزىم زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان، سۈپەتلىك بولغاننى تاللاش؛ چوقۇم كەسپىي خادىم ئورنىتىشى، تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك. ئۆز ئالدىغا يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازى تۇرۇبىسى ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

2 . يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازى ئوچىقى ئىشلەتكەندە، چوقۇم ئۇنىڭدىن يىراقلىماسلىق، قازان تېشىپ كېتىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ، گاز پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئوچاقنىڭ تولۇق تاقالغان ياكى تاقالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

3. يېقىلغۇ گازى، كۆمۈر گازى ئوچىقىنىڭ گاز باكى، بېسىم كېمەيتىش كىلاپىنى، نەيچىسى ۋە يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازى تۇرۇبا يولىنى قەرەلىك تەكشۈرۈش، كونىراش، بۇزۇلۇش، داتلىشىپ چىرىش، گاز قېچىش، ياكى چىڭ تاقالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش كېرەك.

4. ئۆيدە يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازى ئوچىقى ئىشلەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى كاربون چالا ئوكسىد تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىش، ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئاسراپ، تەكشۈرگۈچنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(4). كىچىك تىپتىكى ماي، گازلىق گېنېراتور

ئۆي ئىچى، ماشىنا ئىسكىلاتى، يەر ئاستى ئۆي قاتارلىق ئورۇنلاردا كىچىك تىپتىكى ماي، گازلىق گېنېراتور ئىشلەتمەسلىك، سىرتتا ئىشلىتىش ھەمدە ئىشىك-دېرىزىدىن يىراقراق بولۇش كېرەك، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە ئىس چىقىرىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىش كېرەك.

 (5) ئاپتوموبىل

1. ئاپتوموبىلنى ماشىنا ئىسكىلاتى، يەر ئاستى ئۆيدە توختاتقاندا، ماشىنا موتورىنى ئۆزلۈكسىز ئايلاندۇرماسلىق؛ ئاپتوموبىل يۈرۈشتىن توختىغاندا، ئۇزۇن ۋاقىت ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويماسلىق، ئىشىك–دېرىزىنى چىڭ تاقاپ، ھاۋا تەڭشىگۈچىسىنى ئېچىپ ماشىنا ئىچىدە ئۇخلىماسلىق.

2. ماشىنىنىڭ گاز چىقىرىش سىستېمىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، گاز چىقىرىش سىستېمىسىدىن كاربون چالا ئوكسىدنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

جىددىي بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپى

1. كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش

(1) ئالدى بىلەن دەرھال دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، كۆمۈر گازى / يېقىلغۇ گاز ئوچىقى، سۇ ئىسىتقۇچ قاپقاق، تۇرۇبىلىق گاز، كۆمۈر ئوچىقى قاتارلىق ئەسلىھە ئۈسكۈنىلەرنى تېز سۈرئەتتە تاقاش كېرەك.

(2) چاقماق قاتارلىق ئاسان ئوت ئۇچقۇنى پەيدا قىلىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

2. زەھەرلەنگەن مۇھىتتىن تېز سۈرئەتتە ئايرىلىش

(1) تېز سۈرئەتتە بىمارنى زەھەرلەنگەن نەق مەيداندىن ئايرىپ، ھاۋاسى ساپ، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايغا يۆتكەش كېرەك.

(2) زەھەرلەنگۈچىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىپ، نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

(3) بىمار جىمجىت ئارام ئېلىپ، ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان پائالىيەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، شارائىت بولسا تېزدىن بىمارغا ئوكسىگېن سۈمۈرگۈزۈش كېرەك.

(4) ئوتتۇرا ئېغىر دەرىجىدىكى بىمارغا نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلىش، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ يۇقىرى بېسىملىق ئوكسىگېن بۆلمىسى بار دوختۇرخانىدا يۇقىرى بېسىملىق ئوكسگېنلىق داۋالىتىش كېرەك.

(5) نەپەس ۋە يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغان ئىنتايىن خەتەرلىك ھالدا قالغان بىمارغا نىسبەتەن، بىمارنى دەرھال سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ۋە يۈرەكنى بېسىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش، داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号