باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

SpaceX شىركىتى قويۇپ بەرگەن مەخپىي سۈنئىي ھەمراھ نەگە كەتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 22:52 2 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 10-يانۋار كۈنى مۇخبىرلارنىڭ Zuma مەخپىي سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۇتۇقلۇق بولدىمۇ دېگەن سوئالىغا قارىتا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان، ئەكسىچە مۇخبىرغا بۇ مەسىلىنى سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشكە مەسۇل بولغان SpaceX شىركىتىگە بېرىپ سوراپ بېقىشنى ئېيتقان. SpaceX شىركىتىمۇ بۇ مەسىلىگە بىۋاسىتە جاۋاب بەرمىگەن. مەزكۇر شىركەت 7-يانۋار كەچتە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش جەريانىدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى باسقۇچلۇق ۋەزىپىلەرنىڭ پۈتۈنلەي نورمال ئورۇندالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن SpaceX شىركىتى Zuma سۈنىي ھەمراھىنىڭ بەلگىلەنگەن ئوربېتىغا ئوڭۇشلۇق كىرگەن ياكى كىرمىگەنلىكىنى دەلىللىمىگەن.

10-يانۋار بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ مۇخبىرلارغا سۈنئىي قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان بولمىغانلىقىنى SpaceX شىركىتىدىن سوراشنى ئېيتقان ئىككىنچى كۈنى. خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى مەزكۇر شىركەتنىڭ باش لېدىرى شوتۋېل (Gwynne Shotwell) يىغىندا مۇنداق دېگەن:«سىلەر مېنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ھېچقانداق سۆز قىلمايدىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار كېرەك، بۇ مەن چۈشەندۈرىدىغان ئىش ئەمەس.»  

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە Zuma سۈنئىي ھەمراھىنىڭ سىرلىق ھالدا غايىپ بولغانلىقى ئېيتىلغان. ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقە رەسمىي دەلىللەنمىگەن. ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Zuma سۈنئىي ھەمراھىغا دائىر ئىككى خىل كۆز قاراش مەۋجۇت ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل قاراش SpaceX شىركىتىنىڭ باياناتىغا زىت بولۇپ، بۇ خىل قاراشتىكىلەر بۇ راكېتا ئاتموسفېرا قاتلىمىدا كۆيۈپ پارتلاپ كەتكەن دەپ قارايدىكەن. يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر بولسا Northrop Grummanنىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئاجرىتىش قۇرۇلمىسى ئۆز رولىنى يوقاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قاغا1 ھەپتە ئىلگىرى

    نەگە كەتكىننى بىلسە مەخپىي بوممايدۇ ئۇچاغدا

  • Torres1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماسىكنى ئىپ مارىسقا كەتكەندو..............

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号