باش بەت

نۇسرەتگۈل

10535يوللانما
188مەستانە

نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ئارمۇر يولۋىسى بالىلىرى بىلەن قاردا ئوينىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:12 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«سىبىرىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا سىبىرىيە يولۋىسىنىڭ ئۆڭكۈرىگە يېقىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېراغا نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان بىر نەچچە ئارمۇر يولۋىسى چۈشۈپ قالغان. بۇ رۇسىيەدە قوللىنىلغان قوغداش تەدبىرى ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەنلىكى، نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر قىسىم تۈرلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

يوشۇرۇپ قويۇلغان كامېرا بىر چىشى ئارمۇر يولۋىسىنىڭ ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ قارلىق دالىدا ئوينىغانلىقىنى خاتىرىلىۋالدى. بۇ ئورۇن ئارمۇر يولۋىسى بىلەن قاپلان قوغلىدىغان باغچا ئىدى. مۇتەخەسسىلەر سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن ئارمۇر ئارسلانلىرىنىڭ 8-6 ھەپتىلىك بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

پەرەز قىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ شەرقىدىكى دالىلىرىدا ئارمۇر يولۋىسىدىن پەقەت 500ىلا بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دالىغا ئورنىتىلغان فوتو ئاپپاراتلار نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بۇ تۈرنىڭ ھەرىكىتىنى ناھايىتى ئاز خاتىرىلىيەلىگەن. شۇڭا تارتىۋېلىنغان بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى دىنا (Dina Matyukhina): «بۇ سانلىق مەلۇماتلار ناھايىتى قىممەتلىك. بۇلار ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلار بىزنىڭ ئارمۇر يولۋىسىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىنى پەرەز قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ» دېدى.

ئالىملار بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق يەنە ئارمۇر يولۋىسىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئەڭ جانلىنىدىغانلىقى، ئۇۋىسىدىن چىقىش قېتىم سانى، ئەۋلاد قالدۇرۇپ كۆپىيىش ئارىلىقى، شۇنداقلا ئارسلانلارنىڭ ئانىسى يوق ۋاقىتلاردىكى ئىپادىسى قاتارلىقلارنى چۈشىنىۋالالايدۇ.

بۇ چىشى يولۋاس «يالغۇز ئانا»دەك بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى. يوشۇرۇن كامېرا ئۇنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ ئۇۋىسىغا قايتقانلىقىنى خاتىرىلىۋالدى. بۇ ئارسلانلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەن يولۋاسلارغا ئوخشاش ئوزۇقلىنالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، ئارمۇر يولۋاسلىرى كىچىك ۋاقىتلىرىدا يەنىلا ئانا سۈتىنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ.

رۇسىيە نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان تۈرلەرنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش قىلمىشلىرىنى توسۇغانلىقى ئۈچۈن ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ ماكانىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىگە شارائىت ھازىرلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئارمۇر يولۋاسلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا. بۇ رايوندىكى ئارمۇر قاپلانلىرىنىڭ سانى ئارمۇر يولۋاسلىرىنىڭ سانىدىن خېلىلا ئاز بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن ئارمۇر قاپلىنىدىن ئارانلا 80ى بار.

گەرچە ئارمۇر قاپلىنى بىلەن ئارمۇر يولۋىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئەندىشىسى ئاز-تولا ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىلەر بۇ ئىككى تۈرنىڭ ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ سانىنى داۋاملىق كۆپەيتىش زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号