باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

ھىندىستان بىر راكېتادا 31 دانە سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:19 1 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان بوشلۇق تەتقىقات ئەترىتىنىڭ جاكارلىشىچە. 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ھىندىستان ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30دا (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12دە) ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاندرا ئىشتاتىنىڭ Sriharikota ئارىلىغا جايلاشقان ئالەم بوشلۇقى مەركىزى PSLV-C40 ناملىق قۇتۇپ سۈنئىي ھەمراھى قاچىلانغان توشۇغۇچى راكېتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن. بۇ راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھىندىستان ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان cartosat2 نومۇرلۇق يەر شارى يىراقتىن سەزگۈچى سۈنىي ھەمراھنى بەلگىلەنگەن ئوربېتىغا يەتكۈزگەن. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ھىندىستان ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن 100-سۈنئىي ھەمراھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم يالغۇز ئۆز دۆلىتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنى قويۇپ بەرگەندىن باشقا، يەنە ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، كورېيە قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئالتە دۆلەتنىڭ ئوتتۇز دانە سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بەرگەن ھەمدە ئۇلارنى ئۇتۇقلۇق ھالدا بەلگىلەنگەن ئوربېتىغا يەتكۈزگەن.

بۇ سۈرەتنى ھىندىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن.  


ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش بىر قەدەر ئالاھىدە ئىكەن، چۈنكى 31 دانە سۈنئىي ھەمراھنى ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئوربېتىغا كىرگۈزۈش زۆرۈر ئىكەن. تۆت ئاي ئىلگىرى ئوخشاش تىپتىكى راكېتا قويۇپ بېرىشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش بۇ راكېتانىڭ 14-قېتىملىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • FM3163 ئاي ئىلگىرى

    يەرشارىنى ئەخلەت قىپ بولدى ئەمدى ئالەمنى ئەخلەت قىلاي دەپتۇدە، ئالەم بوشلىقىدىكى ئەخلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس ،مەينەت ھىندىلار كوچىلىرىمۇ بەك ھەلەق ، كىنو ئىشلىسىمۇ قەتئى چاندۇرمايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号