باش بەت

نۇسرەتگۈل

8989يوللانما
149مەستانە

قاتتىق قاردا قاپسىلىپ قالغان تىراللىبۇستىكى 430 يولۇچى بىر كېچە ئۆرە تۇردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:10 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

12-يانۋار خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە نىئىگاتا ناھىيەسى سانجو شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا قاتتىق قار ياغقانلىقتىن ياپونىيە تۆمۈريول شىركىتىنىڭ تىراللىبۇسى يۈرۈشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان، 430 يولۇچى 15 سائەت قاپسىلىپ قالغان.

قاتناشنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن تۆمۈريول شىركىتى قاپسىلىپ قالغانلارغا سۇ ۋە يېمەكلىك ئاپىرىپ بەردى، سۇ كېچە سائەت 2:40دە، يېمەكلىك سەھەر سائەت 5لەردە ئېلىپ بېرىلدى، يولۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئائىلىسىدىكىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېلىپ ئېلىپ كەتتى، 12-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9غىچە 230 يولۇچى ئۆزى كەتتى.

تىراللىبۇس 12-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:26دە ئاندىن قايتا قاتنىدى، ئۇزۇن مۇددەت قاپسىلىپ تۇرغانلىقتىن خېلى كۆپ ئادەم بىئارام بولۇپ كەتتى، بەش يولۇچىدا بىنورماللىق كۆرۈلدى، بىر ئەر سۇسىزلىنىپ كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

يېقىندا ياپونىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىدا بۇنداق ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى. ئىشىكاۋا، توياما ناھىيەسى چېگرىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا تەخمىنەن 300 ئاپتوموبىلنىڭ قاتنىشى ۋاقتىنچە توختاپ قالدى.

قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ توختاپ قېلىشىغا ئاساسلىقى قاتتىق قار سەۋەب بولغان. مېتېئورولوگىيە نازارىتىدىكىلەر 12-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9غىچە ئوجىيا ناھىيەسىدە ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 80 سانتىمېتىرغا، كانازاۋا شەھىرىدە ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 42 سانتىمېتىرغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号