باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

ياپونىيەلىك ئاشىق-مەشۇقلار ساختا «ستارباكس» ماركىسىدىكى يانفون قېپى ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:13 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

11-يانۋار، ياپونىيەنىڭ چىبا ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ 342 دانە زەنجىرسىمان قەھۋە دۇكىنى داڭلىق ماركىسى «ستارباكس» نىڭ تاۋار ماركىسى چۈشۈرۈلگەن ساختا يانفون قېپىنى سېتىشنى مەقسەت قىلغان، بۇ «تاۋار ماركىسى قانۇنى» غا خىلاپ دەپ قاراپ، شىركەت خىزمەتچىسى مودا ماساھىتو (磨田昌人) ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان سېسترا شىزۇكا مىچىكو (石冢美智子) نى قولغا ئالدى.

بۇ ئىككىسى بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، سېتىشنى مەقسەت قىلغان «ستارباكس» نىڭ تاۋار ماركىسى بېسىلغان ساختا يانفون قېپىنى ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىش دېلوسىغا چېتىلىپ قالغان.

ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مودا بۇلتۇردىن باشلاپ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان يانفون قېپى سېتىشنى قوشۇمچە كەسىپ قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان، ھەمدە جىنايەت گۇمانىنى ئېتىراپ قىلغان. شىزۇكا مەن ئېنىق ئۇقمايمەن، دەپ ئىنكار قىلغان.

ساقچى تەرەپ بۇ ئىككىسى ھېچ بولمىغاندا بۇلتۇر 3-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكىتىگە تەخمىنەن 400 دانە ساختا يانفون قېپىنى چىقارغان، ئومۇمىي سېتىش سوممىسى 700 مىڭ يېن (تەخمىنەن 40 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) بولغان.

توكيو تاموژنا ئورگىنى مودا قايتا-قايتا خەلقئارالىق تېز پوچتا كەسپىدىن پايدىلىنىپ تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىش قىلمىشى ئىنتايىن گۇمانلىق دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر 6-ئايدا ئۇنىڭ ئۆيىدىن تېپىلغان ساختا يانفون قېپى مۇسادىرە قىلغان ھەم ساقچى تەرەپنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号