باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

ئاۋسترالىيەلىكلەر ئەسەبىيلەرچە مال سېتىۋېلىپ تاللا بازىرىنى قۇرۇقداپ قويدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:26 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىدىكى ئامما غايەت زور بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشقا تەييارلىق قىلغان، تاللا بازىرىدىكى ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان.

تىروپىك بەلباغ سىكلونى «جوئىس» 11-يانۋار (پەيشەنبە) كەچ شىمالدىكى ساياھەت كىچىك بازىرى بلومغا ھۇجۇم قىلدى. «9 خەۋەر» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازاردىكى تاللار بازىرىدىكى يېڭى مېۋە، كۆكتاتلار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان. زور بوران-چاپقۇن يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئاھالىلەر ئەسەبىيلەرچە مال سېتىۋېلىپ دۆۋىلىۋالغان، تاللا بازىرىدىكى مال جاھازىلىرى قۇرۇقدىلىنىپ قالغان. ساقچى تەرەپ غەربىي ئاۋسترالىيەلىكلەرگە ئۇزۇن ۋاقىت سىرتتا تۇرماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان، چۈنكى كەلگۈسىدە ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇلار 2-قېتىملىق زور بوران-چاپقۇننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ.

نۇرغۇن ئاھالىلەر ياخشى ھاراقلارنى ئۆيىدە ساقلاپ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقمىغان، ناچار ھاۋارايىلىق ئەھۋالدا بۇنداق تالاش-تارتىشلىق ئۇسۇل مودا يۈزلىنىشكە ئايلانغان. ئالىي ساقچى ئەمەلدارى براندون دارۋىك (Brendan Barwick) ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «بەك كۆپ ھاراق ئىچمەڭ، ئەگەر ئۆي كۆچمەكچى بولسىڭىز ياكى ئۆيىڭىزدە بىرەر ئىش يۈز بەرسە، سەگەك تۇرۇشىڭىز كېرەك، شۇندىلا ئۆزىڭىز ۋە ئۆيدىكىلىرىڭىزنى بىخەتەر جايغا ئېلىپ بارالايسىز.». ئۇ: «يەنە بىر مۇھىم ئىش شۇكى، ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياخشى قوغداپ، ماشىنىڭىزدا يېقىلغۇ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.» دېدى.

جىددىي مۇلازىمەت تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىشىلەر ھەرىكەت قوللىنىپ پاناھلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، سىكولوندىن ئەنسىرەش ئاپەتكە ئۇچرىغاندەك بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بلومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىمبېرلېي رايونىدىكى لېۋېكۇنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ يەرلىك مەھەللە بىديادانگا (Bidyadanga) غىچە بولغان رايونلارغا سىكلون ھاياتىڭىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن دېگەن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىلدى.

بىر ئېغىر خەۋپ يەنىلا مەۋجۇت، بۇ قېتىمقى بوران-چاپقۇن جۈمە كۈنى ئىنتايىن كۈچلۈك تىروپىك بەلباغ سىكلونىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشىچە، بوران-چاپقۇن پەيشەنبە كۈنى بېگىل قولتۇقى ۋە ۋالار ئېدىرلىقى ئارىسىغا شامال سۈرئىتى سائىتىگە 130 كىلومېتىر بولغان كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى شامال ئېلىپ كېلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号