باش بەت

durdana

1338يوللانما
81مەستانە

ھازىرغا كەلگۈچە لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان 20 ئارتىس

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:16 20 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ساۋ شۆچىننىڭ رومانى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» بولسا جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يۇقىرى رومانلىرىنىڭ بىرى. ھازىرغىچە توختىماي فىلىم ۋە تىياتىرلار، دىراممىلار ئىشلەندى. سەھنىدە ۋە ئېكراندا لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئېلىپ باققانلارمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىلاسسىكلىرى، ناچار چىققانلىرىمۇ بار. توردىن ئاختۇرۇپ شياڭگاڭ، تەيۋەن ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقتا لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان 20 ئارتىسنىڭ رەسىمىنى تاپتۇق، كۆپچىلىك سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار، قايسىسى بۇ رولغا ئەڭ چۈشكەن؟

(يىل تەرتىپى بويىچە تىزىلدى)

  1. ئەڭ باشتا «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ھېكايىسىنى ئېكرانغا يۈزلەندۈرگىنى جىڭجۈ ئۇستىسى مېي لەنفاڭ بولۇپ، 1924-يىلى جىڭجۈ نۇسخسىدىكى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە مېي لەنفاڭ لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

2. 1929-يىلى شاڭخەي توز كىنو شىركىتى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نى ئىشلىگەندە لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغىنى لۇ مېيلىڭ بولغان.

3. 1936 -يىلى شاڭخەي داخۇا كىنوچىلىق شىركىتى ئىشلىگەن ئاۋازلىق ھېكايە فىلىم «دەييۈنىڭ گۈل بىلەن دەپنە قىلىنىشى» دە لى شۆفاڭ لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

4. 1944-يىلىدىكى فىلىم «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە جوۋ شۈەن لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

5. 1952-يىلى شىياڭگاڭ سەددىچىن سېپىلى كىنوچىلىقى ئىشلىگەن «يېڭى قىزىل راۋاقتىكى چۈش» بىر كىيىم-كېچەكنى نامايەن قىلدىغان بىر كىنو بولغان.

سولدىكى جىيا باۋيۈ رولىدا يەن جۈن، ئوڭدا لىن دەييۈ رولىدا لى لىخۇا.

6. 1962-يىلى شياڭگاڭ شاۋ جەمەتى كىنوچىلىق شىركىتى ئىشلىگەن فىلىم «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» لې دى لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

7. 1962-يىلى تىياتىر قىلىپ ئىشلەنگەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە لىن دەييۈنىڭ رولىنى ۋاڭ ۋېنجۈەن ئالغان.

8. 1975-يىلى شياڭگاڭ سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە لىن دەييۈنىڭ رولىنى ۋاڭ مىڭچۈەن ئالغان.

بۇ فىلىمدە جوۋ رۈنفا يېڭى شياڭگاڭ سىمسىز تېلېۋىزىيەسىگە كىرگەن بولۇپ، چى ئەمەلدارنىڭ رولىنى ئالغان.

9. 1977-يىلىدىكى شىياڭگاڭ جىياشى كىنوچىلىقى ئىشلىگەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە ماۋ شۈنيۈن لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

10. 1977-يىلى شىياڭگاڭ شاۋ جەمەتى كىنوچىلىقى ئىشلىگەن يۈرۈشلۈك فىلىم «قىزىل راۋاقتىكى چۈشتىكى ئالتۇن توي» دا جاڭ ئەيجيا لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

11. 1977-يىلى شىياڭگاڭ سىيۈەن كىنوچىلىق شىركىتى ئىشلىگەن فىلىم «قىزىل راۋاقتا باھار» دا خۇاڭ شىڭشيۇ لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان، يېنىدىكى جاڭ گوروڭ. 

12. 1978-يىلى تەيۋەن فىلىمى «يېڭى قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە جوۋ جىمىڭ لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

13. 1983-يىلى تەيۋەن خۇاشى كىنوچىلىقى ئىشلىگەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈشنىڭ سىپايە نۇسخىسى» دا جاۋ يوڭشىڭ لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

14. 1986-يىلى تىياتىر نۇسخىسىدىكى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە خې سەيفېي لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

15. 1987-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە چېن شياشۈ لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

16. 1989-يىلى بېيجىڭ نۇسخسىدىكى فىلىم «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە تاۋ خۇيمېي لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

17. 1996-يىلى تەيۋەن خۇاشى كىنوچىلىقى ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە جاڭ يۈيەن لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

18. 2009-يىلى خېڭيۈ شىڭكوڭ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى ئىشلىگەن «دەييۈ قىسسىسى» دە مىن چۈنشياۋ لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

19. 2010-يىلى BTV مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە جىياڭ مېڭجيې لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

20. 2017-يىلى ئىشلەنگەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە لىن دەييۈنىڭ رولىنى جوۋ ياڭيۆ ئالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شرىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    13 رەسمدكسى بلەن 24 رەسمدكسى بەك چۈشۈپتۇ، منىڭ قارشمچە، 13 رەسمدكسى بەكلا تەبى راس لىندەييۈدەكلام گۈزەل ئكەن،

  • دىلبەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    2010 يىلى ئىشلەنگىنىدىكى لىن دەييۈمۇ بەكلا ياخشى ئاپتىكەن رولنى

  • بۇيرۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ كىنو بىلەن پەقەتلا خوشام يوق ھەممىسى بىرخىل ھجىقىز چىراي،

  • 138******051 ھەپتە ئىلگىرى

    منڭ تۇنجى ھەم ئاخرقى ئاشقم منى لن دەييۇگە بەك ئوخشتاتتى

  • bahtem381 ھەپتە ئىلگىرى

    86نىڭ ئەڭ كىلاسسىك چىقىپتۇ ،مەن شۇنى ياقتۇردۇم

  • ...............1 ھەپتە ئىلگىرى

    چېن شىياۋشۈدىن باشقىسى پەقەتلا سىغمايدىكەن،خەنزۇچە بەتلەردىمۇ ساپلا شۇنداق دەيدىكەن،

  • 19751105zz1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ87يىلدىكى دولتىمىزدە ئىشلەنگەن قىزىل راۋاقتىكى چوشنى ئەڭ ياخشى كۇرۇمەن

  • ئاۋاق ئايتېكىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەڭ ئاستىدىكى كىچىك ئارتىسلار ئورۇنلىغان قىزىل راۋاقتىكى چۈشمىدۇ،باش رولچى ئوخشايدىكەن،توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭلار،شاكىچىكلەر رولنى قالتىس ئېلىپتۇ،ھەتتا موماينىڭ رولىدىن تارتىپ شۇنداق قاملاشتۇرۇپتۇ…儿童版红楼梦

  • ...............1 ھەپتە ئىلگىرى

    陈晓旭رول ئالغان 87.يىللىق نۇسىخىسدىكى لىن دەييۈي ھەممىدىن قالتىس،گەپ كەتمەيدۇ

  • فىروزە1 ھەپتە ئىلگىرى

    قانداقلا قارىسا 87-يىلى مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن،بىز،كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆرگەن نۇسخىسىدىكى لىندەييۈ ئەڭ نازۇك،ئەڭ ماس كەپتىكەن لىن دەييۈنىڭ خاراكتىرىگە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号