باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان بۇ غەلىتە ئۆيلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 11:38 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ھەر قېتىم ئۆي تىلغا ئېلىنسا، ئىللىق، راھەت بېغىشلايدىغان ياكى ھەشەمەتلىك سېلىنغان قورۇ-جايلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ ، ئەمما بەزى ئۆيلەر دەسلەپكى لايىھەدە باشقىلارنى جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان، بۇنداق غەلىتە ئۆيلەرنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۆزگىچە لايىھەدىن ھەيران قالىسىز. مەسىلەن، ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئۆي جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاياغ شەكىللىك ئۆي بولۇپ، لايىھەسى ئۆزگىچىمىكەن؟

ئۆرىلىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئۆي گېرمانىيەنىڭ تراسېنھېيد (Trassenheide) غا جايلاشقان، تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا ئادەمنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدۇ، ئۆينىڭ ئىچىگە كىرسە ئۆرۈلۈپ چۈشۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلەمدىغاندۇ؟

پولشاغا جايلاشقان بۇ ئۆي بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ «زىلۋا» ئۆي بولۇشى مۇمكىن، قارىماققا بىر كاپسۇل ئىككى كورپۇس ئىمارەتنىڭ ئوتتۇرىغا قىسىلىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەڭ كەڭ يېرى ئاران 122 سانتىمېتىر، ئەڭ تار يېرى ئاران 72 سانتىمېتىر كېلىدۇ .

بۇ ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىغا جايلاشقان «شارقىراتما ئۆيى»، بۇ ئۆينىڭ ئەڭ قالتىس يېرى شۇكى، بۇ ئۆيدە تۇرسىڭىز دوستلىرىڭىزغا ئۆيىڭىزدە شارقىراتما بارلىقىنى كۆز-كۆز قىلالايسىز.

بۇ ئەنگلىيەنىڭ ۋېلش شەھىرىدىكى «خوبېتلار ئائىلىسى»، بۇ ئۆي قارىماققا ئىنتايىن رومانتىك رىۋايەت تۈسىنى ئالغاندەك كۆرۈنىدۇ.

فىرانسىيەنىڭ دېرمغا جايلاشقان بۇ ئاق ئۆي قارىماققا خۇددى ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەمدىكەن؟

بۇ ئايال خىزمەتكارنىڭ شەكلىدە سېلىنغان ئۆي ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە رېستوران بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مىسسىسىپى شىتاتىغا جايلاشقان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号