باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

شىرنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ 200دىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان ئەڭ كىچىك مۈشۈك

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:36 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

يېقىندا ئەنگلىيە BBC تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى بىر پىروگراممىدا دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋاننىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلاندى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەقەت دۇنيادىكى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بىلەتتى. بۇ مۈشۈكنىڭ سىرتقى شەكلى شىرغا ئوخشايدۇ، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى شىرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 200 دىن 1 ھەسسىگە توغرا توغرا كېلىدۇ .

بۇ خىل مۈشۈك ئاساسلىقى ھىندىستان ۋە سىرىلانكىدىكى ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ، ئەڭ سېمىزلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 1 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ، تۈگۈلىۋالسا ئالىقانچىلىك چوڭلۇقتا چىقىدۇ. گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئوزۇق ئىزدىگەن چاغدىكى سەزگۈرلۈكى ۋە باتۇرلۇقى ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولغان شىردىن قىلىشمايدۇ.

بۇ خىل مۈشۈك سۇدىن قورقمايدۇ، پىروگراممىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى ئۇنىڭ دەريادا ئۈزۈپ يۈرگەن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئالغان.

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۈشۈك پىروگرامما گۇرۇپپىسى «چوڭ مۈشۈك» (the Big Cats) دېگەن تېمىدىكى بىر سان پىروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا بايقالغان. بۇ پىروگرامما گۇرۇپپىسى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنى سۈرەتكە ئالغان، ئۇلار 15 دۆلەتنى ئايلىنىپ، 40 خىل مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلاردىن 31 خىلىنى سۈرەتكە ئالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • كيو3 ئاي ئىلگىرى

    كىچىك مولۇن ئىكەن،نەدىمۇ مۈشۈك بولسۇن

  • NaCl3 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا دەيمەن بەك تاتلىقكەن بۇ

  • تىمپىلاتون3 ئاي ئىلگىرى

    نىمدا ئوماق مۇشۇك بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号