باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

218يوللانما
6مەستانە

ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندا ئاستىنقى بەدىنىنى يارىلاندۇرۇۋالغان ئەر تۆلەم تەلەپ قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:31 14 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئىرېلاندىيەنىڭ كاۋان ئۆلكىسى (Cavan) دە بىر ئوغرىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى. ئۈچ ئەر بىر دۇكانغا ئوغرىلىققا چۈشكەن، ئەمما ساقچىلار كېلىپ قېلىپ، قېچىش جەريانىدا ئوغرىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بەدىنىنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى يارىلاندۇرۇۋالغان. يېقىندا ئۇ ساقچىلار ۋە دۇكان خوجايىنىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغان.

ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ئوغرى بىر دۇكانغا ئوغرىلىققا چۈشمەكچى بولغان، كېيىن قېچىپ كەتكەن. دۇكان خوجايىنى كېۋىن (Kevin) مۇخبىرغا: ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى قېچىش جەريانىدا، بەدىنىنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى جاھازىغا سوقۇۋېلىپ يارىلاندى دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ ئۈچ ئوغرى دۇكاندىن ئالغان نەرسىنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقماقچى بولغاندا، تۇيۇقسىز ساقچىلار كېلىپ قالدى، ئارىسىدىكى بىرسى دۇكان ئىچىگە قېچىپ كىرىۋېلىپ يارىلاندى.»

بۇ ئۈچ ئوغرى تۇتۇلغان، يارىلانغان ئوغرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، داۋالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يارا ئېغىزىنى تىكىش كېرەك ئىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئۈچ ئوغرى ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئەمما، دۇكان خوجايىنى كېۋىن (Kevin) ئادۋوكاتنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ: «مەن ئادۋوكاتنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم، مېنىڭ تۆلەم بېرىشىمنى تەلەپ قىپتۇ، ئەمما مەن ھېچنېمە قىلمىدىم. دۇكىنىمغا سۇغۇرتا سېتىۋالمىغان، دۇكان ئىشىكىنى رېمونت قىلىشىم كېرەك، ئۇلار يەنە كۆزىتىش كامېراسىنىمۇ بۇزۇۋېتىپتۇ.» دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يارىلانغان ئوغرى ساقچى تارماقلىرى ئۈستىدىنمۇ ئەرز سۇنغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • T@NHA1 ھەپتە ئىلگىرى

    بايشەم سىزمۇ بەك ئاتكاچى بى بالىكەنسىز، گەپنى چۈشۈنەممىگەندىكىن ئىشىڭىزنى قىلسىڭىز بولمامدۇ ئۈزىڭىزگە بېقىپ باھا بىرڭ. يا ئۇ ئوغۇرلا بىلەن بىرە يېقىن مۇناسىۋىتىڭىز بامىتى يا

  • بايشەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    تەنھا ئەجەپ ماز گەپ قېلدېغان بالېكەنسېز سېزنېڭ ئويگە ئوغورې كېرگەندە سېزمۇ شۇنداق قېلغانما تاينې باغا گەپ قېلېڭ ھە

  • T@NHA1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ دۇكانچىمۇ سەل ئاشۇرۋىتىپتۇ ئوغۇرلانىڭ يۇلغا پايانداز سەپ مۇندا كىپقاسا ئىچە دەپ چاي قەھۋە دەملەپ قويسا ھېچ بۇلاممىغاندىمۇ ئوغۇرلىماقچى بولغان نەرسىلەرنى ئاپىرپبەسە بۇتقان گەپ

  • ئارمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئابدىكېرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتى باغۇ …ۋاي ئوغرى غۇجام ۋاي چىرايلىق ئوغرى دەيدىغان ھۇ ھا…ھا…

  • قايدا سەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    مال ئىگىسدىن ئوغىرى كۈچلۈك دىگەن شۇ دە ،،،، يۈزى داپتىنمۇ قىلىن بىر نىمىكەن

  • توغراق،شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    داۋا ئاۋۇ ئوغرىنىڭ پايدىسىغا مېڭىپ قالسا بۇنىڭدىن كېيىنكى ، ئوغرىلارنىڭكى بەختى ئېچىلىپ كېتىدۇ.

  • ئۆزنۇر1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ بىرسىنى ئاڭلىغان، ئوغرى بىر ئادەمنىڭ ئۆيگە ئوغۇرلىققا كىرىپتۇ، ئۆينىڭ ئىگىسى تۇيۇپ قىلىپ كەينىدىن قوغلىسا، ئوغرىنى ماشىنا سوقىۋىتىپ مىيىپ بولۇپ قاپتىكەن، ئوغۇرلىققا كىرگەن ئۆينىڭ ئىگىسىنى مىنى تۆلسۇن دەپ ئەرىز قىپتۇ، …

  • مەستانە ئا1 ھەپتە ئىلگىرى

    جىڭ كاللىسىدىن كەتكەنلام ساراڭ كەن ماۋۇ دەلتى

  • 如果有一天1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇف… بۇ قىززىق ئشلانى جايلاپ ئۇغرلۇق قىلاماي يارلىنىپ تۈلەم تەلەپ قىپتۇ … نىم بوپ كىتباردۇ دىسە ئەجەپ قىززىق…

  • subat1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇ دۆلەتتە تۈزۈك قانۇن يوقمىكنە ئوغرۇلۇق قىلىپ تۇرۇپ تۈلەم تەلەپ قىلغىننى ۋاي يۈزى قېلىن ئوغرى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号