باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

ھىندىستان تاراتقۇلىرى بىرما كوچىلىرىنى ئۈچ چاقىلىق ھارۋىلار بېسىپ كەتكەن، دەپ مەسخىرە قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:35 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 11-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بىرمىنىڭ چوڭ كوچىلىرىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قاتناش قورالى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2011-يىلى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتتىن كېيىن، قىسقىغىنا بىر قانچە يىلدا تەخمىنەن 25 مىڭ ئادەم ئۈچ چاقلىق ھارۋا ھەيدەش پىراۋىسى ئالغان، بۇ بىرمىنىڭ يوللىرىنى تېخىمۇ توسۇلىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

ھازىر رانگوننىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا قەيەرگىلا قارىسا ئۈچ چاقلىق ھارۋىلار ئۇچرايدۇ. ئايزاۋ (Aye Zaw) ئۈچ چاقلىق ھارۋا ياسايدىغان سودىگەر، چۈنكى ئۇ ئۈچ چاقلىق ھارۋىلارنى قۇراشتۇرۇپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇنىڭ دۇكىنىغا ئەسۋاب جابدۇقلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە قارىماققا رېمونتچى ئۇستامغا ئوخشاپ كېتىدۇ. رانگوندىكى ئۈچ چاقلىق ھارۋىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى بولغان.

ئايزاۋ 16 يېشىدىلا «جەمەت كارخانىسى» غا كىرىپ، 10 نەچچە يىل ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت رېمونت قىلغان. ئۇ: «مەن ئىزچىل ئامال قىلىپ ئۈچ چاقلىق ھارۋىلارنى تېخىمۇ ياخشى ماڭغۇزۇشنى ئويلاۋاتىمەن.» دېدى. ئۇ ئىنىسى بىلەن بۇ رېمونت دۇكىنىنى ئاچىدۇ، ھازىر ئايدا 7 دانە ھارۋىنى قۇراشتۇرۇپ سېتىپ چىقىرىدۇ.

رانگوندىكى بۇ كوچىلاردا ئۈچ چاقلىق ھارۋا يولۇچى توشۇۋاتىدۇ. ئادەتتە يولۇچى توشۇشقا ئىشلىتىدىغان بۇ خىل ئۈچ چاقلىق تاكسى ھارۋىنىڭ سېتىلىش باھاسى 430 مىڭ كيات (تەخمىنەن 2067 يۈەن خەلق پۇلى) بولۇپ، باھاسى سەل قىممەترەكلىرىدىن پولات بېزەكلىك ئۈچ چاقلىق ھارۋا بار، بۇ تېخىمۇ چىرايلىق.

بىر ئايال ئۈچ چاقلىق تاكسى ھارۋىدىن چۈشتى. بىرمىدا بۇنداق ئۈچ چاقلىق تاكسى ھارۋىلار ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ باھاسى ئەرزان، ئۇنىڭ ئۈستىگە «بىرمىچە ئالاھىدىلىك» كە ئىگە بولغاچ، شۇڭا نۇرغۇن چەتئەللىكلەر مۇشۇنداق تاكسى ھارۋىلاردا ئولتۇرۇشنى تاللايدۇ.

بىراق ئۈچ چاقلىق ھارۋىنى ھەيدەش كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغاچ، ئادەمنى قاتتىق چارچىتىۋېتىدۇ، يېشى 60 قا بېرىپ قالغان بۇ ئەر ئۆيدىكىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن مۇشۇ خىزمەتنى قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ھەر كۈنى 10 مىڭ كىيات (تەخمىنەن 48 يۈەن خەلق پۇلى) تاپالايدۇ.

بۇ ئۈچ چاقلىق ھارۋىنىڭ شوپۇرى ئۆزىنىڭ ئۈچ چاقلىق ھارۋىسىنىڭ تۇتقۇچىغا ئىككى تال سېرىق كۆزنىڭ نەقىشى چۈشۈرۈلگەن بېزەك تاقىۋالغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ئۈچ چاقلىق ھارۋا رانگون كوچىلىرىدىن يوقاپ كەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئوغلىنىمۇ بۇ «كەسپى» گە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئويى بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئوغلۇمنى ئۈچ چاقلىق ھارۋا ھەيدەيسەن ياكى ھەيدىمەيسەن دەپ مەجبۇرلىمايمەن، ئەگەر ئۇ بۇ كەسىپنى ياخشى كۆرسە، مۇشۇ كەسىپنى قىلسا بولىدۇ.».

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىرما ئىمپورتنى كونترول قىلىشنى بوشاشتۇرغاندىن كېيىن، بىرمىدىكى ماشىنىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان، بۇ بىرمىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ كوچا سىستېمىسىغا زور بېسىم ئىلىپ كەلگەن، ھۆكۈمەت ھازىر زور كۈچ بىلەن يول، كۆۋرۈك ياساپ، شەھەر ئايلانما لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىپ ياساۋاتىدۇ.

ھىندىستان تاراتقۇلىرى بىرمىنىڭ يوللىرىدا ئۈچ چاقلىق ھارۋىلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى خەۋەر قىلغان، ۋەھالەنكى ھىندىستاننىڭ چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدە ئۈچ چاقلىق ھارۋىلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھىندىستاندىكى خېلى كۆپ كىشىلەر ئۈچ چاقلىق ھارۋىغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ.

بىراق، ھىندىستاندا بەزى ئالىي دەرىجىلىك ئۈچ چاقلىق ھارۋىلار بار، مەسىلەن، يېڭى دېھلىنىڭ كوچىلىرىدا بىر قىسىم موتورلۇق ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتلار بار.

باش سۈرەت تاللاش x
  • man0993 ئاي ئىلگىرى

    تەلەيجاننىڭ گېپىگە كۈلۈپ كەتتىم

  • كيو3 ئاي ئىلگىرى

    ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى جۇڭگوغا يەتمەيدىكەن

  • تەلەي3 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستانلىقلارمۇ ئادەم مەسخىرە قىلالامدىكەن ئاۋۋال قورسىقىنى تويغۇزۇپ باقسۇنچۇ بىر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号