باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

218يوللانما
6مەستانە

گېرمانىيەدىكى يىللىق ئۆي ئىجارىسى يەتتە يۈەنلىك مەھەللىگە نەزەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:53 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

«ئاتراستىكى ئۆزگىچە ساياھەت» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى شەھەر ئاۋگسبۇرگدا نامى يىراق-يىراقلارغا پۇر كەتكەن «فۇگگېر مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەھەللە بولۇپ، يەنە نامراتلار مەھەللىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ مەھەللىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسى 1952-يىلدىن ھازىرغىچە ئۆسۈپ باقمىدى، بىر يۈرۈش ئۆينىڭ يىللىق ساپ ئىجارە ھەققى 0.88 ياۋرو، تەخمىنەن 6.8 يۈەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ.

«فۇگگېر مەھەللىسى» 1517-يىلى مەيدانغا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادىكى داڭلىق پۇل-مۇئامىلە كاپىتالىسى، «پادىشاھلىق تەختىنى سېتىۋالغان مۆتىۋەر» دەپ ئاتالغان جەكوب فۇگگېر (Jakob Fugger) ئىشلىرىدا چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، نەزىرىنى جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلاملىرىدىكى كىشىلەرگە قاراتقان، ھەمدە ئاۋگسبۇرگتا تارىختىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئەرزان باھالىق مەھەللىنى قۇرۇپ چىقىپ، كۈندىلىك ئىش ھەققىگە تايىنىپ كۈن ئالىدىغان ئىشچىلار، تۆۋەن كىرىملىك ھۈنەرۋەن كاسىپلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنلىگەن.

گەرچە فۇگگېر مەھەللىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى تېزلا رېمونت قىلىنىپ، قايتىدىن ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن. ھازىر فۇگگېر مەھەللىسىدە جەمئىي 67 كورپۇس، 147 ئېغىز ئۆي بار، ھازىرغىچە 150 دىن كۆپرەك خېرىدار مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ.

فۇگگېر مەھەللىسىنىڭ ئىجارە ھەققى مۇشۇنداق ئەرزان، پەقەت سىز خالىسىڭىزلا، مەھەللىدە تۇرالغۇ ئۆي سانى بولسىلا، سىز يىللىق ئىجارە ھەققىگە 6.8 يۈەن خەلق پۇلى خەجلەپلا بىر ئېغىز ئەمەس، بەلكى بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارىگە ئالالايسىز.

فۇگگېر مەھەللىسىدىكى ئۆيلەر چىرايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە سان ماركو چېركاۋى ھەمدە بىر كورپۇس مەمۇرىيەت بىناسىمۇ بار. بەش ئەسىرلىك تەرەققىيات ئارقىلىق، بۇ يەر ئاۋگسبۇرگدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلانغان، ساياھەتچىلەر پەقەت 4 ياۋرو (31 يۈەن) خەجلەپلا مەھەللىگە كىرىپ ساياھەت قىلالايدۇ، ھەمدە قۇرۇق ئۆيلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ.

بىراق فۇگگېر مەھەللىسىدە كىملا بولسىلا خالىغانچە كىرىپ تۇرالمايدۇ، بەلكى قاتتىق تەكشۈرۈپ تاللاش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.  ئالدى بىلەن كۆچۈپ كىرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ كاتولىك دىنى مۇرتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي نامرات ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتۇرۇپ بولالمىغان ھېچقانداق قەرزى يوقلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. فۇگگېر مەھەللىسى مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغاچقا، مەھەللىدە ئىزچىل دۇرۇس ئادەملەرنىڭلا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تىرشچان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي نىمەدىگەن ەرزان،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号