باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

8 ئوقۇغۇچى 34 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئويناپ كىشىلەرنى قاتتىق قورقۇتۇۋەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:53 3 ئىنكاس چۈشتى

«بېيجىڭ ۋاقىت» تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جەنۇپ ئەتىگەنلىك گېزىتى ئاممىۋى ئۈندىدارىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، نەننىڭ شەھىرىدىكى 8 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا 34 قەۋەتلىك ئولتۇراق بىنانىڭ ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئوينىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىنا ئۆگزىسىدە سەكرەپ-تاقلاپ ئوينىغان بولسا، يەنە بەزىلىرى بىنا ئۆگزىسىدىكى چاقماق قايتۇرۇش خادىسىنى لىڭشىتىپ ئويناشقا باشلىغان... بۇ بالىلارنىڭ بىنا ئۆگزىسىدە ئوينىغان سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەن كىشىنىڭمۇ قورقۇنچتىن پۇت-قولىدا ماغدۇر قالمايتتى.

1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچقۇرۇن، نەننىڭ شەھىرى خەنلىن شەنشۇييۇەن ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر ئۈندىدار توپىدا بىر توپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 34 قەۋەتلىك ئولتۇراق بىنا ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئويناۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقىلىشقا باشلىغان.

https://v.qq.com/x/page/q0532nayf9m.html

سىن كۆرۈنۈشىدە ئۈستىگە مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغان بىر بالىنىڭ مەلۇم ئولتۇراق بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە يامىشىپ چىقىپ قولىدا بىنا ئۆگزىسىدىكى چاقماق قايتۇرۇش خادىسىنى لىڭشىتىپ ئويناۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى. يەنە بىر كىچىك بالا بولسا بىنا ئۆگزىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە يامىشىپ چىققاندىن كېيىن پەسكە ئېگىلگەن ھالدا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن بىنا ئۆگزىسنىڭ گىرۋىكىگە يېقىنلاپ بارغانىدى.

يەنە بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشىدە، يۇقارقى ئىككى بالىدىن باشقا بىر نەچچە كىچىك بالىنىڭمۇ بىنا ئۆگزىسىنىڭ كاھىشلىق گىرۋىكىگە يامىشىپ چىقىپ يۈگۈرۈشۈپ ئويناۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ قورقۇنچتىن يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپلا قالاتتى.

مۇخبىر 11-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بۇ ئىش يۈز بەرگەن خەنلىن شەنشۇييۇەن ئولتۇراق رايونىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگەللىگەن. مەزكۇر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى خوجىلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شىيې مۇدىر ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ تاكى 11-چېسلا ئەتىگەن سائەت 4 تە ئاران ئۇخلىيالىدىم». شىيې مۇدىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىش 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 يېرىملاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ بىر توپ بالا مەزكۇر ئولتۇراق رايوندىكى 7-كورپۇس بىنانىڭ ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئوينىغانىدى.

بۇ ئىش يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، شىيې مۇدىر ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەردىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان، لېكىن ئولتۇراق رايون ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ بىنا ئۆگزىسىگە تەكشۈرگىلى چىققاندا، بۇ بىر توپ بالا ئاللىقاچان غايىپ بولغانىدى. ئۇلار بىنادىكى كۆزىتىش كامېراسى ئارقىلىق بۇ بىر توپ بالىنىڭ ئىچىدىكى بىر كىچىك بالىنىڭ مەزكۇر بىنانىڭ 14-قەۋىتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئىگەللىنىلىشىچە، مەزكۇر ئولتۇراق رايوندىكى ھەر بىر كورپۇس بىناغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان لېفىتلارنى ئۆي ئىگىلىرى كارتىسىنى سۈركەش ئارقىلىقلا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ ئاھالىلەر كارتىسىنى سۈركىگەندىن كېيىن  پەقەت ئۆزلىرى ئولتۇرۇشلۇق قەۋەتكىچە لېفىتقا ئولتۇرۇپ چىقالايدىكەن، باشقا قەۋەتلەردە لېفىت توختىماي ئۆتۈپ كېتىدىكەن. مەزكۇر ئولتۇراق بىنالارنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئۆتۈشمە يولى پەقەت يەككە يۆنىلىش بويىچە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۆي ئىگىلىرى ئۆزلىرى ئولتۇرۇشلۇق قەۋەتتىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئۆتۈشمە يولى ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزالايدىكەن، لېكىن ھەرگىزمۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئۆتۈشمە يولى ئارقىلىق باشقا قەۋەتلەرگە چۈشۈپ چىقالمايدىكەن. شۇڭلاشقا ئولتۇراق رايون خوجىلىق بۆلۈمىدىكىلەر بۇ بالىنىڭ زادى قايسى قەۋەتتە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاسانلا تەكشۈرۈپ چىقالىغان. شىيې مۇدىر مۇنداق دېدى: «بىز بۇ بالىنىڭ ئۆيىگە بارغان چېغىمىزدا، بالىنىڭ كۆز جىيەكلىرى ياش يۇقى تۇرغان بولۇپ، بۇ بالىنى ئاتا-ئانىسى خېلى ئۇرۇپ تىللىغان چېغى».

بۇ بالىنىڭ ئېيتىشىچە، باشقا 7 كىچىك بالا شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى كەلگەن، بالىلار ئۆي ئىچىدە بىر مەھەل ئوينىغاندىن كېيىن زېرىكىشكە باشلىغان، بالىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بىنا ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئويناش تەكلىپىنى بەرگەن، بالىلار دەرھال 14-قەۋەتتىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئۆتۈشمە يولى ئارقىلىق 34-قەۋەتكە يامىشىپ چىققان ھەم بىنا ئۆگزىسىدىكى سۇپىغا چىققان.

بۇ كەپسىز بالىلار بىنا ئۆگزىسىدىكى چوڭ شامالدۇرغۇچ (يەنە بىنالاردا ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ) ئۈستىدە ئازراق ئوينىغاندىن كېيىن ئەينەك كاھىشلىق ئۆي ئۆگزىسىنىڭ ئالدى تەرەپنى توسۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ بىنا ئۆگزىسىدىكى ھاجەتخانا گاز قويۇپ بېرىش تۇرۇبىسى (يەنە بارلىق ئۆيلەردىكى ھاجەتخانىلارنىڭ سېسىق پۇرىقىنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان تۇرۇبىنى كۆرسىتىدۇ) ئارقىلىق ئەينەك كاھىش ئۈستىگە يامىشىپ چىققان، ئۇلار ناھايىتى خەتەرلىك ئەينەك كاھىش ئۈستىدە نەچچە مىنۇت ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ پەسكە قايتىپ چۈشۈپ كەتكەن.

مۇخبىر 11-چېسلا ئەتىگەن سائەت 11 لاردا، شىيې مۇدىرغا ئەگىشىپ بۇ ئىش يۈز بەرگەن 7-كورپۇس بىنانىڭ 34-قەۋىتىگە چىققان، بۇ 34 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىدىن ئادەمنىڭ بېشى قېيىپ ھەقىقەتەن پۇت-قولىدا جانمۇ قالمايتتى، ئەلۋەتتە.

مۇخبىر بىنا ئۆگزىسىگە چىقىدىغان ئىشىك ۋە سۇپىغا ئاگاھلاندۇرۇش خېتى چاپلانغانلىقىنى بايقىغان. شىيې مۇدىر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىلگىرى بۇ يەرگە ئاگاھلاندۇرۇش خېتى چاپلاپ قويغان، لېكىن ئاگاھلاندۇرۇش خېتى شامال ۋە بوران-چاپقۇندا ئۇنچە ئېنىق كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بىز 10-چېسلا كېچىلەپ قايتا ئاگاھلاندۇرۇش خېتى بېسىپ بىنانىڭ ئۆگزىسىگە قايتا چاپلاپ قويدۇق».

 

ئىگىلىنىشىچە، بالىلار يامىشىپ چىقىپ ئوينىغان ئەينەك كاھىشلىق سۇپىنىڭ گىرۋىكىگە ھېچقانداق قوغدىنىش رىشاتكىسى ئورنىتىلمىغان بولۇپ، ناۋادا رېمونت خادىملىرى ئۆگزىنى رېمونت قىلغىلى چىققان تەقدىردىمۇ بېلىگە بىخەتەرلىك ئارغامچىسى باغلاپ، پۇتىغا ئالاھىدە ياسالغان تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئايىغى كىيىپ ئاندىن كاھىش ئۈستىگە چىقىپ مەشغۇلات قىلىدىكەن.

شىيې مۇدىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن بىنا ئۆگزىسىدىكى سۇپىغا چىققىلى بولىدىغان ئىشىككە ئاتايىتەن قۇلۇپ سېلىپ قويغانىكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوت ئۆچۈرۈش ئۆتۈشمە يولى ئارقىلىق بىنا ئۆگزىسىدىكى سۇپىغا چىقىدىغان ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويۇشقا بولمايدىكەن. لېكىن ئولتۇراق رايون خوجىلىق بۆلۈمىدىكىلەر ئاھالىلەرنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن ھەر تەرەپتىن ئويلىشىپ ئاخىرى بۇ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويۇشنى قارار قىلغان. «ناۋادا ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئىشىككە بۇنچە كىچىك قۇلۇپ سېلىپ قۇلۇپلاپ قويۇشقا قوشۇلمىسا، بىز ئىشىكتىكى قۇلۇپنى دەرھال ئېلىۋىتىمىز ئەلۋەتتە».

باش سۈرەت تاللاش x
  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ3 ئاي ئىلگىرى

    ياقەي،خوتەندە ئەمەس…

  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ3 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ ئۆيمۇ16-قەۋەت ئەڭ ئۈستى،بۇلتۇر قىشتا بىر توپ بالىلار چىقىۋىلىپ تېيىلىپ ئوينىغىلى تۇرۇپتىكەن،بەك قورقۇپ كەتتۇق،شۇنىڭدىن باشلاپ كورپۇس ئىشىكىنى شىفىرلىق قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتتى…

  • رىزۋانگۈل3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنى ئۇقۇپلا بېشىم قېيشقا باشلىغان ئاران ئۇقۇپ بولدۇم ئەمما يىقلپ چۇشەي دېدم ۋاي بېشىم پىقراپ كەتتې

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号