باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

ئاۋسترالىيەدىكى «ئېسىل كاۋاپ» ئۈچۈن قەستەن ئوت قويىدىغان قۇشلار

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 00:20 7 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيادا بەزى يىرتقۇچ قۇشلار ئولجا تۇتۇش ئۈچۈن، قەستەن دالىغا ئوت قويۇۋېتىدۇ. ئامېرىكا ئاجايىپ خەۋەرلەر تورىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئىرق بىيولوگىيە ژۇرنىلى» دا يېقىندا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ئىلمى ماقالىسىدە ئاۋسترالىيەدىكى بەزى يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ كۆيۈۋاتقان دەرەخ شېخىنى ئېلىپ دالىغا ئوت قويۇپ، چىملىقلارغا ئوت تۇتاشقاندىن كېيىن، قېچىپ چىققان ھايۋانلارنى ئوۋلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يەرلىكلەر 40 مىڭ يىل بۇرۇنلا بۇ ھادىسىنى چۈشەنگەن ھەتتا دالىغا ئوت قويىدىغان بۇ يىرتقۇچ قۇشنى «يالقۇن بۈركۈت» دەپ ئاتىغان.

ئاۋىستىرالىيەنىڭ قۇرغاق ھاۋا كىلىماتىدا ئاسانلا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدۇ، چاقماق ۋە ئىنسانلار پائالىيىتى ئىزچىل ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەمما بۇ تەتقىقات ئىلمى ماقالىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن كىشىلەر «يالقۇن بۈركۈت» نىڭمۇ ئورمانلىقتا ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. قارا سار، ئاۋسترالىيە بېلىقخور بۈركۈتى ۋە قوڭۇر لاچىن دېگەندەك يىرتقۇچ قۇشلار كۆيۈۋاتقان دەرەخ شېخىنى قۇرۇغان چىملىققا قويۇپ، قۇرت-قوڭغۇز، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە كىچىك تىپلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن ئوزۇق قىلىدىكەن، ئىلگىرى ئاۋسترالىيەدىكى 730 مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلى كۆلەمدىكى ئوتلاقتا ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قۇششۇناسلار يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ئوت ئاپىتى ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغانلىقىنى، قۇشلار، كەسلەنچۈك ۋە ھاشاراتلار ئوت كەتكەن يايلاقتىن قېچىپ چىققاندا، يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى تۇتۇپ، مەززە قىلىپ يەيدىغانلىقىنى بىلگەن. ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە ئاندىن ئورماندىكى ئوت ئاپىتىنىڭ پۈتۈنلەي تاساددىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، بەلكى «يالقۇن بۈركۈت» دەپ ئاتالغان يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ بىر قوللۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، يەنى ئوۋلايدىغان ئولجىغا يوشۇرۇنغىدەك يەر قالدۇرماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن.

1964-يىلى نەشر قىلىنغان «مەن يەرلىك ئاھالە» دېگەن بىر ماقالىدىمۇ: «مەن بىر بۈركۈتنىڭ پەنجىسى بىلەن بىر تال كۆيۈۋاتقان چىۋىقنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى يېرىم ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتىكى قۇرۇق ئوت-چۆپ دۆۋىسىگە تاشلىغانلىقىنى كۆردۈم، ئارقىدىن ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن بىر ياندا ئولجىلىرىنىڭ كۆيۈپ كاۋاپ بولۇشىنى ۋە قورقۇپ كەتكەن غاجىلىغۇچى ھايۋانلار ۋە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ زور كۆلەمدە ئەسەبىيلەرچە قېچىپ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردى. بىر رايون كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇ كۆرۈنۈش يەنە بىر جايدا قايتا تەكرارلاندى.» دەپ يېزىلغان. يەنە بىر نوپۇزلۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىممۇ بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە: «تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن نەچچە قېتىملىق ئوت ئاپىتىنى ئاساسى جەھەتتىن <يالقۇن بۈركۈتى> ۋە ئۇلار ئىلىپ كەلگەن شاخ، چىۋىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان.» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • جاھاندا بىر3 ئاي ئىلگىرى

    بەك قورقۇنۇشلۇق جانۋاركەن،نەپسى بالاسى دىگەن شۇدە

  • توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ شۇنداق بىر تاسادىپىيلىق.قەستەن قەستەنلىك بىلەن ئوت قويۇشى ناتايىن.

  • رايلۇز3 ئاي ئىلگىرى

    پاھ. ھىلىمۇ چاقماق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىكەن بۇلار. بىلگەن يلبولسا يەنە نەلەرگە ئوت قۇياتتىكى

  • gigot3 ئاي ئىلگىرى

    تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلار پەقەت بىز ئىنسانلارلا ئەمەسكەنمىز

  • ئۆتكۈرجان3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداقتا يالقۇن بۈركۈت، قوغدىلىنىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرەمدۇ؟ چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولساڭلار! رەخمەت.

  • شۇ شۇ3 ئاي ئىلگىرى

    ما ۋەششى يىرتقۇچكەن يا ..............

  • نەيرەڭۋاز3 ئاي ئىلگىرى

    نىمىدىگەن رەززىل قۇشبۇ،،،
    قاملاشمىغان،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号