باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

ئالىملار مارىستا مۇز تاغقا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى بايقىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:40 1 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار يېقىندا مارستا مۇز تاغ بولۇشى مۇمكىنلىكىگە دائىر يېڭى يىپ ئۇچىنى بايقىغان، بۇ بايقاش كەلگۈسىدە ئىنسانلار مارسقا كۆچمەن بولۇپ بارغان چاغدا ئۇلارنى ھاياتلىق كاپالىتى ۋە يېقىلغۇ ئاساسى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ مۇز تاغلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېرىپ كەتسە، ئۇ ھالدا بىزنىڭ بۇ قىزىل رەڭلىك خوشنىمىزنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كىلىمات ئۆزگىرىش تارىخىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن. ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى كولىن دۇنداس (Colin Dundas)نىڭ كۆرسىتىشىچە، مارس ئوربېتىسىدىكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تارتقان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرىتىدىن ئۇلار دېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن سۇس كۆك رەڭگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان.

ئۆڭۈپ كەتكەن بۇ سۈرەتتىن ئەڭ ئاخىرىدا يۈز مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوچۇق مۇز قاتلىمىغا ئىگە تىك يار بايقالغان. بۇلاردىن باشقا، ئالىملار يەنە مارسنىڭ باشقا يەتتە جايىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان مۇز تاغنى بايقىغان.

بۇ بايقاش «ئىلىم پەن ژۇرنىلى»غا بېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ خىل مۇز تاغ بىزنىڭ ئىلگىرىكى مۆلچەرىمىزدىنمۇ كەڭ بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ تاغ جىلغىسىدىكى مۇز تۇتقان كىچىك ئېقىنلار ياكى مارس تۇپرىقىغا چۆككەن مۇز پارچىلىرى ئەمەس، چۈنكى ھەربىر تىك مۇز تاغ قارىماققا قاقاستەك كۆرۈنىدۇ، كۆپ قىسىم تۇپراق ۋە تاغ جىنسلىرى كۆمۈلۈپ قالمىغان. ئەمما بۇ مۇز قاتلىمى بىر قەدەر تېيىز، كەلگۈسىدىكى تەكشۈرۈشتە تېخىمۇ ئېنىقلىنىشى مۇمكىن. بۇلاردىن باشقا، ئۇ تىك ياردا يەنە بۇ مۇزلۇقلارنىڭ ئۆزارا كېسىشكەن قىسمى بايقالغان. مارس يۈزىدىكى بۇ پاكىز مۇز سۈيى كەلگۈسىدە مارسنى تەكشۈرۈشكە بارىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۇز سۈيىنى ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن يەنە بوشلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ يېقىلغۇسىنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چوغلان1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇ مۇزىمۇ ياكى قۇرغاق مۇزمۇ تېخى ئېنىقلىمايلا بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ.بۇرۇنقى قىياسلاردا ناھايىتى تۇزلۇق سۇ بار دېيىلگەن،ئەمدى بۇنداق ئاساسسىزلا پاكىز مۇز دېيىش تېخى بالدۇر.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号