باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

ئاۋسترالىيەلىك باغۋەنلەر ھەپتىلىك ئىش ھەققىگە 4500 يۈەن بەرسىمۇ ئىشچى چىقمىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:47 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئاۋسترالىيەلىك باغۋەنلەر يېقىندا نەچچە يۈز توننا بۆلجۈرگەن بىلەن ئاناناسنىڭ ئېتىزدا سېسىپ كېتىشىگە قاراپ تۇرغان. سېتىۋېلىش باھاسى تېرىش تەننەرخىگە بويلاشمىغاچقا، بۇ باغۋەنلەر يىغىۋالماسلىقنى قارار قىلغان. سېتىۋېلىش باھاسى ئامىلىدىن باشقا، يەنە بىر مۇھىم سەۋەبمۇ بار، ئايلىق مائاشىنى 4500 يۈەن خەلق پۇلى قىلىپ ئىشچى چاقىرسىمۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باغۋەنلەر يېتەرلىك ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرنى تاپالمىغان. مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، باغۋەنلەر بۇنىڭدىن خۇشال بولمىغان.

پەقەت كۋېنسىلاند شتاتىدىلا ئەمەس، تاسمانىيە شىتاتى، ۋىكتورىيە ئىشتاتىدىكى نۇرغۇن مېۋىلىك باغلاردا، ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەر ئىنتايىن قىس بولغان. ۋىكتورىيە شىتاتىدىلا 2-3 مىڭ ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ئىشلەمچى قىس بولغان. بۇ خىل ئەھۋال مېۋىلەرنى ۋاقتىدا يىغىۋالالماسلىقتەك ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان. پەقەت تاسمانىيە شىتاتىدىكى بىر بۆلجۈرگەن تېرىلغان باغدىلا، ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ئىشلەمچى كەمچىل بولغانلىقتىن، نەچچە يۈز توننا بۆلجۈرگەن ئېتىزدىلا سېسىپ كەتكەن.

ۋىكتورىيە شىتاتىدا مېۋىلەرنى يىغىش پەسلىدە ئادەتتە 6000 دىن ئارتۇق ۋاقىتلىق ئىشچى قوبۇل قىلىنىدۇ، مېۋىلەرنى يىغىش پەسلى 10-ئايدىن تاكى كېلەر يىلى باھارغىچە سوزۇلىدۇ. نۆۋەتتە بىر قىسىم ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى باغۋەنلەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، ئۇلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تور بېكىتىگە ئېلان بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما يېتەرلىك ئىشلەمچى قوبۇل قىلالمىغان. نۇرغۇن باغلار ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەپتىلىك ئىش ھەققىنى 900 ياۋرو (تەخمىنەن 4500 يۈەن خەلق پۇلى) ياكى سائەتلىك ئىش ھەققىنى 20-30 ياۋرو (120-150 يۈەن خەلق پۇلى) قىلىپ بېكىتكەن، بىر ئاي ئىشلىسە 15 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى كىرىم قىلالايدىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىشلەمچى قوبۇل قىلالمىغان.

سۈرەتتە شۇ جايدىكى مېۋە يىغىدىغان ئىشلەمچىلەر ئېتىزدىكى تاۋۇزنى توشۇماقتا. بۇ ۋاقىتلىق ئىشچىلار ھەر كۈنى تەخمىنەن 8-9 سائەت، ھەپتىدە 6 كۈن ئىشلەيدۇ. نۇرغۇن باغۋەنلەر خىزمەتچى تاپالماسلىقنى ئىشلەيدىغان ئادەم قالمىغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر «چەتئەللىك ئىشلەمچىلەردىن ئېلىنىدىغان باج» دىن ئەنسىرىگەنلىكتىن شۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقتى دەپ قاراشقان. بۇ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىكلەردىن ئالىدىغان باج بولۇپ، ئاساسلىقى دەم ئېلىش ۋىزىسى بىلەن ئاۋسترالىيەگە كېلىپ قىسقا مەزگىللىك ئىشلەيدىغان چەتئەللىكلەرگە قارىتىلغان. ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەر ئەڭ ئاز بولغاندا %15 باج تۆلەيدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كىرىمىنىڭ %45 باجغا كېتىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئاۋسترالىيەگە كېلىپ ئىشلەمچى بولۇپ ئىشلەش نىيىتىدىن يانغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • باھادىر3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ خەۋەرنىڭ بىشىنى ئوقۇپ باسام بولاپتىكىن دەپ تۇسام ئاخىرى باكىن ئەمەسمۇ بۇخەۋەرنىڭ .شۇندا بولغاندا 100كوي تاپسا بىر كۈندە 45كوي باجغا كەتسە 40كوي ياتاق تاماققا كەتسە ،قەتتي بولمايدىكەنغۇ بۇ .

  • مېيخۇا3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ئست ھەممىسى مەن ئامراق مېۋىلەر كەنتۇق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号