باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

198يوللانما
6مەستانە

يەكچەشمە زىراپە ئىككى ئەركەك شىر بىلەن ئېلىشىپ ئاخىرى شىرلارنىڭ غىزاسىغا ئايلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 23:53 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئافرىقىنىڭ نامىبىيەدىكى ئېتوسا دۆلەت باغچىسىدا فوتوگراف بىر مەيدان قىرغىنچىلىقنى ئىز قوغلاپ سۈرەتكە ئالغان، توپتىن چۈشۈپ قالغان بىر قېرى زىراپە ئىككى ئەركەك شىرنىڭ غىزاسىغا ئايلانغان.

ئېچىرقاپ كەتكەن ئىككى ئەركەك شىر كېچىچە بىر يەكچەشمە زىراپىنى قوغلىغان، بىر كېچە قوغلاپ يۈرۈپ ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ھالى قالمىغان، بولۇپمۇ قېرى زىراپە ناھايىتى چارچاپ كەتكەن.

ئەمەلىيەتتە شىرلارغا ھەر قېتىم بۇنداق تەلەي نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ ، چۈنكى زىراپىنىڭ كۈچلۈك تېپىكى شىرلارغا ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار زىراپىگە ھۇجۇم قىلغاندا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ.

تاڭ ئاتقاندا شىر ھۇجۇمغا ئۆتتى، زىراپە گەرچە جېنىنىڭ بارىچە نەچچىنى تەپكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا كار قىلمىغاندەك قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن شىرلار قېرى زىراپىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى يەرگە بېسىۋالدى.

ئەڭ ئاخىرىدا بۇ قېرى زىراپە يەنىلا شىرلارنىڭ بىر ۋاقلىق مەززىلىك غىزاسىغا ئايلاندى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号