باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

100 گە يېقىن چۈمۈلە ھىندىستانلىق قىزنىڭ قۇلىقىغا ئۇۋا سېلىۋالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 08:00 3 ئىنكاس چۈشتى

«بېيجىڭ ۋاقتى» تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ھىندىستاندىكى شىللايا ئىسىملىك بىر قىز يېقىندا قۇلىقى ئاغرىپ، دائىم قىچىشقاچقا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن. دوختۇر قۇلاق يولى ئىچكى ئەينىكىدە تەكشۈرگەندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن، دوختۇر بۇ قىزنىڭ قۇلىقىدا 100 گە يېقىن چۈمۈلىنىڭ ئۇۋا ياسىغانلىقىنى بايقاپ، ھەيران بولغىنىدىن بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ كەتكەن.

قىزنىڭ ئىسمى شىللايا بولۇپ، ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدىن. شىللايا دەسلىپىدە قۇلىقىنىڭ ئىچىدە بۇنچە كۆپ چۈمۈلە بارلىقىنى بىلمىگەن، پەقەت قۇلىقى ئاغرىغاچقىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەن.

ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى شۇنچە باش قاتۇرۇپ ھەر خىل دوختۇرخانىلارنى ئىزدەپ، قىزىغا زىيان يەتمىگەن ئەھۋالدا قۇلىقىدىكى چۈمۈلىنى چىقىرىۋەتمەكچى بولغان. ھازىر دوختۇرلار قىزچاقنىڭ قۇلىقىدىكى چۈمۈلىنى ئېلىۋەتكەن ھەمدە قۇلاققا تېمىتىدىغان دورا بىلەن ياللۇغلىنىش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلىغان.

قىزچاقنىڭ ئاتا-ئانىسى باشقا زەخمە كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا يادرو ماگنىتلىق رېزونانسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا تەكشۈرتۈشلەرنىمۇ قىلدۇرغان، ئەمما غەلىتە يېرى، تەكشۈرۈشتە بۇ چۈمۈلىلەرنىڭ شىللايانىڭ قۇلاق پەردىسى ۋە باشقا قىسىملىرىغا ھېچقانداق زەخمە ئېلىپ كەلمىگەنلىكى بايقالغان. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ تەلەي ئامىتى ھېسابلىنىدۇ.

چۈمۈلە نېمىشقا ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىدۇ؟ دوختۇر بۇ قىزچاقتىن بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قىزچاق ئادەتتە كارىۋاتتا پىرەنىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، كارىۋاتتىكى ياستۇق يېنىغا پىرەنىك ئۇۋىندىلىرى چۈشۈپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دائىم بارمىقى بىلەن قۇلىقىنى كولايدىكەن. مېنىڭچە قىزچاق ئۇخلاپ قالغاندا چۈمۈلىلەر ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرگەن، كېيىن تېخىمۇ كۆپ چۈمۈلىلەرنى جەلپ قىلىپ كۆپىيىپ كەتكەن.».

بۇنداق كىچىك قىزنىڭ قۇلىقىدىن شۇنچە كۆپ چۈمۈلىنىڭ چىقىشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى قورقۇتىدۇ. دوختۇرلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەگەر كىچىك ھاشاراتلار قۇلىقىڭىزنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بولسا، قولىڭىز بىلەن كولىماڭ، بولمىسا ھاشاراتلار قۇلاقنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى بوۋاقلارغا ئىشلىتىدىغان ماي قاتارلىق پاكىزە ماينى قۇلاق يولىغا تېمىتىپ، كىچىك ھاشاراتنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • رونالدو ئۇزغۇنلۇق شاھ3 ئاي ئىلگىرى

    دىدىم غۇ مۇشتا خەۋەرلەر ھىندىستاندا يۇز بىردۇ دەپ

  • قايدا سەن3 ئاي ئىلگىرى

    ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرىدىكەن،، قۇلىقىغا زىيان يەتمىگەن بولسا ھەقىقەتەن تەلەيلىككەن،،

  • 132******763 ئاي ئىلگىرى

    نىمدىگە قۇقۇنۇش لۇق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号