باش بەت

زۆھەل

277يوللانما
22مەستانە

يانفون ماتېرىيالىدىن iPhone نىڭ ئون يىلىغا نەزەر

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 10:37 1 ئىنكاس چۈشتى

Cnbeta خەۋەرلەر تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما ئون يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنغان 18 خىل نۇسخىدىكى يانفوننىڭ 15 خىل نۇسخىسىغا مېتال ھەم ئەينەك لايىھە قوللىنىلغان، بۇنىڭغا بىردىنبىر ماس كېلىدىغان چۈشەندۈرۈش: مېتال ھەم ئەينەككە بولغان چىن مۇھەببەت.

ئالما دەسلىپىدىلا سۇلياۋ يانفون لايىھەسىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەن. گەرچە ئۇ ئىككى يېرىم ئەۋلاد مەھسۇلاتىغا سۇلياۋ ماتېرىيال ئىشلەتكەن بولسىمۇ (5c يانفونى يېرىم قىلىپ ھېسابلاندى)، بۇ يانفونلارنىڭ سۈپىتى يەنىلا يامان ئەمەس ئىدى. سۇلياۋ ماتېرىيالنى تاللاش بەلكىم سىگنال ھەم تەننەرخ قاتارلىق تەرەپلەرنى ئويلاشقانلىقى سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئالمىنىڭ يەنىلا مېتال ۋە ئەينەك يانفون ماتېرىيالىغا بولغان مۇھەببىتى باشقىچە چوڭقۇر. ئۇلارنىڭ بۇ جاھىللىقى نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تۆۋەندىكى بىر قاتار سۈرەتلەردىن بىز بۇ جەريانلارنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقايلى.

ئالمىنىڭ ئاليۇمىن قېتىشمىسى ۋە ئەينەككە بولغان بۇ خىل جاھىللارچە مۇھەببىتى بىزگە نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە يەنە پۈتكۈل يانفون ساھەسىگە قارىتا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بىرىنچى نۇقتا: داتلاشماس پولاتقا ئەينەكنى ماسلاشتۇرۇش

iPhone 4: داتلاشماس پولات رامكا، قوش يۈزلۈك ئەينەك يانفون گەۋدىسى.

تۆت چاسا، چوققىلىرى يۇمۇلاق بولغان يانفون گەۋدىسى ۋە ئۇنىڭغا قېتىلغان retina ئېكرانى ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەڭ مۇكەممەل يانفوننىڭ ئۆلچىمى ئىدى. لېكىن بۇنىڭغا يەنە تېخنىكا مەسىلىسىمۇ قېتىلغان بولۇپ، داتلاشماس پولات چىداملىق، يانفون رامكىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماس كەلگىنى بىلەن ئەمما پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى مۇرەككەپ، تەننەرخىمۇ يۇقىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينەك يانفون گەۋدىسىنىڭ ئۆزىمۇ كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ تۈگىنى بولۇپ، قېلىن بولۇپ كەتسە يانفون ئېغىرلاپ، قولغا بېرىدىغان سېزىمغا تەسىر كۆرسىتەتتى، يېنىك بولۇپ قالسا ئاسانلا چېقىلىپ كېتەتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، داتلاشماس پولات ۋە ئەينەكنى كەم-كۈتىسىز جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدىكى ھۈنەر-سەنئەت بولۇپ، ئالما بۇ جەرياندا كەپشەرلەش ئۇسۇلىنى تاللىماستىن بەلكى بىۋاستە CNC نى شەكىل چىقىرىپ ئويۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان بۇ يۇقىرى قىيىنلىقتىكى نەپىس ھۈنەر-سەنئەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەينى ۋاقىتتىكى تېخنىكا شارائىتىغا جەڭ ئېلان قىلىش بىلەن باراۋەر ئىدى.

ھەممەيلەن بىلىمىز، داتلاشماس پولات ئەگەر بۆلۈنىۋېتىلمىسە، سىگنالنىڭ تارقىلىشىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئالما بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر سىزىقچە لايىھەلىگەن بولۇپ، ئانتېننانى شۇ سىزىقچە يولىغا ياتقۇزىۋەتكەن. ھازىر كۆپچىلىك ئىشلىتىۋاتقان يانفونلارمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ ياسالغان، پەقەت شەكلى ۋە رەڭگى قاتارلىقلار ئوخشىمايدۇ خالاس.

ئەگەر بىرىنچى ئەۋلاد iPhone نى كۆپچىلىككە نېمىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى دەپ ئېيتساق، ئۇنداقتا iPhone 4 نى كۆپچىلىككە نېمىنىڭ ھەقىقىي مۇكەممەل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى دېيىشكە بولىدۇ.

ئىككىنچى نۇقتا: ئاليۇمىن قېتىشمىسىغا كۆك ياقۇت ئەينەكنى ماسلاشتۇرۇش

iPhone 5: شۇ كۈنى سەھەردە نۇرغۇن كىشىلەر كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ يېڭى يانفوننىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتى. ئۈمۈدنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۈمۈدسىزلىكمۇ بارغانسىرى زورىيىپ بارماقتا ئىدى. كىشىلەر ئاخىرىدا يەنىلا جوبىسنى سېغىنىشقا باشلىدى، چۈنكى تىم كۇك دۇنيانى قايتا ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدى.

لېكىن ماتېرىيال ھۈنەر-سەنئىتى جەھەتتە iPhone 5 يانفونىنى ھەقىقەتەنمۇ ئىجادىي بولدى دېيىشكە بولىدۇ. ئاليۇمىن قېتىشمىسى لايىھەسى قايتىپ كەلدى، Unibody تېخنىكىسىمۇ تۇنجى قېتىم MacBook قا ئىشلىتىلدى.

بۇ خىل ئاليۇمىن قېتىشمىلىق تاختا رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك بىلەن مىخانىكىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، ھېچ بولمىغاندا ئالما تۇنجى بولۇپ مۇشۇنداق قىلالىدى. سىرتىدىن قارىغاندا «كۈچەيتىلگەن نۇسخىدىكى iPhone 4 » كە ئوخشايدىغان بۇ يانفون ئىچكى قىسىمدا iPhone 4 تىن ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدۇ. Unibody پۈتكۈل يانفوننى پەقەت ئىككى قىسىمغىلا بۆلگەن : ئېكران ۋە باشقا قىسىملار. يانفون گەۋدىسى ئىنتايىن نىپىز بولۇپ، يانفوننىڭ ئىچكى قىسمىغا بولغان تەلەپنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئوكسىدلىنىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ رەڭ بېرىش ئۇسۇلىمۇ ئالمىنىڭ مېتال يانفون گەۋدىسىگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

يانفون ئارقا قىسمىدىكى ئاستى ئۈستى مىكرو كىرىستاللىق ئەينەك تولىمۇ ئۆزگىچە تۈس قوشقان. لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ يورۇق نۇقتىسى يەنىلا ئارقا قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆك ياقۇت ئەينەك بولۇپ، سىزىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە iPhone 5 نىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆك ياقۇت ئەينەك «كەلگۈسى خۇسۇسىيىتى»نى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن. ئالمىنى بىردەملىكلا ئىشلىتىشمۇ ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن.

5s يانفونىغا Touch ID نىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن كۆك ياقۇت ماتېرىيالىمۇ كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.

گەرچە بۇلار پۈتۈنلەي سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىلەن تەننەرخ يەنىلا يۇقىرى. مۇھىمى پۈتۈن بازاردا ھېچكىممۇ ئالمىدەك چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئەمەس.

ئۈچىنچى نۇقتا: ئەينى ۋاقىتتا 7000 يۈرۈشلۈكىدىكى ئاليۇمىن قېتىشمىلىق ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن يانفون ئىگىلىپ كەتتى.

 iPhone 6 يانفونىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش يانفون رازمېرى ئازراق چوڭايتىلدى، يانفون گەۋدىسى تېخىمۇ يۇمىلاق بولدى. Unibody كېيىن يانفون رامكىسىنى ئەگرى ھالەتكە ئەكەلدى. بۇنىڭغا قارىتا CNC نىڭ تەلىپىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولدى. بۇ خىل توختىماي ئۆزگەرتىشلەردىن كېيىن «يانفون ئىگىلىپ كېتىش» ھادىسىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

ئامالسىزلىقتىن، ئالما iPhone 6s يانفونىغا 7000 يۈرۈشلۈكىدىكى ئاليومىن قېتىشمىسى ماتېرىيالىنى ئىشلەتتى. بۇ ماتېرىيالنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، چىدامچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. لېكىن يەنىلا «يانفون گەۋدىسى ئېگىلىپ كېتىش» مەسىلىلىرى پەيدا بولۇپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن سىرتقى شەكلىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەگرى يانفون ئىشلەپچىقىرىش تېخىمۇ چوڭ بولغان رىقابەتنى كۈتىۋالدى.

ھېلىمۇ ياخشى مەسىلە ئاخىرى ھەل بولدى.

تۆتىنچى نۇقتا: جاھىللىق بىلەن كەلگۈسىنىڭ بىرىكىشى

خاتا ئەمەس، دېمەكچى بولغىنىمىز دەل iPhone X.

سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولۇشى بارغانسىرى روشەن بولماقتا. ئالمىمۇ يېڭى يانفونىغا رېگرىسسىيەلىك ئەينەك ئىشلىتىشنى تاللىدى. 2011-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالما يەنە يېڭىچە بىر ئۇسۇلنى ئىشلەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئاليۇمىن قېتىشمىسى بىلەن قوش يۈزلۈك  2.5D لىق ئەينەكنى ماسلاشتۇرغان ئىدى، كېيىنكى قېتىم ئەينەكنىڭ چىدامچانلىقىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۈچەيتىلگەن قەۋەتنىڭ قېلىنلىقىنى %50 كە يەتكۈزدى. iPhone X كە كەلگەندە يەنە قايتىدىن داتلاشماس پولات بىلەن ئەينەكنى قايتا بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي بىر گەۋدىلىشىشنى رەسمىي ئىشقا ئاشۇردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چوغلان3 ئاي ئىلگىرى

    CNCماتېريال ئەمەس بەلكى پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى،يەنى رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان سىتانۇك ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号