باش بەت

زۆھەل

271يوللانما
19مەستانە

Windows يانفونلىرىنىڭ يەرشارىدىكى بازار ئىگىلەش نىسبىتى 0 گە يېقىنلاشتى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 11:05 2 ئىنكاس چۈشتى

Techweb  خەۋەرلەر تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گەرچە بەزى تاراتقۇلار مىكروسوفىتنىڭ يېقىندا ئىنقىلاب خارەكتىرلىك يېڭى مەھسۇلاتى Surface Phone نىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بەزى پاكىتلاردىن قارىغاندا مىكروسوفىت يانفون بازىرىدىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كەچكەن. ئۇلارنىڭ بازار ئۈلۈشىمۇ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ بارماقتا.

Kantar ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ 3 ئاي ئىچىدە Windows يانفونلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازار ئۈلۈشى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ بارغان بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتە %1 كىمۇ يەتمەي قالغان. قىسمەن رايونلاردا تېخى 0 گە چۈشۈپ قالغان.

مەسىلەن ئىسپانىيە، ياپونىيە قاتارلىق رايونلاردا Windows يانفونلىرىنىڭ بازار ئۈلۈشى ئاللىبۇرۇن يوقاپ بولغان. گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا، ئاۋېستىرالىيە قاتارلىق رايونلاردا %0.5 ئەتراپىدا بولغان.

بىردىنبىر ياخشى ھېسابلىنىدىغان رايون ئىتالىيە بولۇپ، بازار ئۈلۈشى %1.9 بولغان. لېكىن بۇمۇ ئۆتكەن يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يېرىمدىن كۆپرەك قىسقىراپ كەتكەن.

غەلىتە يېرى شۇكى، Windows يانفونلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى بازار ئۈلۈشى ئەكسىچە ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش ۋاقىتتىكى %0.1 تىن %0.2 كە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

جۇڭگو يانفون بازىرىدا كۆرۈلگەن يەنە بىر غەلىتە ئىش شۇكى، Android سىستېمىسىدىكى يانفونلارنىڭ بازار ئۈلۈشى پەقەت جۇڭگودىلا چېكىنىپ كەتكەن. %4.6 لىك قىممەت iOS تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئىككى سىستېمىنىڭ بازار  ئۈلۈش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %75.5  ۋە %24.3 بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 155******493 ئاي ئىلگىرى

    ئسىت ئسىت سىستا مۇكەممەل ئىسلىتدىغان ئەپ قۇلايلىق ئەمەس

  • nawkar3 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى سېستىمىتى، ئىسىت ئىسىت.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号