باش بەت

durdana

1329يوللانما
80مەستانە

«تۈندىكى شۈركىنىشلىك قوڭغۇراق ئاۋازى» ھەققىدە پىسخىكىلىق تەھلىل

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 10:42 4 ئىنكاس چۈشتى


بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆپىنچە ۋاقتتا قورقۇنچلۇق كىنو كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن قورقۇنچ ھېس قىلمايمىز، ئەمما كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يالغۇز قالغان كېچىلەردە كىنونىڭ ۋەقەلىكىنى ئەسلەپ قالىمىز، ئاندىن بېشىمىزدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىمىز، «تۈندىكى شۈركىنىشلىك قوڭغۇراق ئاۋازى»(午夜凶铃) دەل مۇشۇنداق تىپتىن.

«تۈندىكى شۈركىنىشلىك قوڭغۇراق ئاۋازى» 1998-يىلى قويۇلغان، ھىدىئو ناكاتا رېژىسسورلۇق قىلغان، شۇ ناملىق فىلىم ۋە كىتابلىرى بار. ئۇ ۋەكىل خاراكتېرىلىك قورقۇنچلۇق فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئەۋلاد ئادەمنىڭ قەلبىگە غايەت زور «روھىي سايە» تاشلىغان.

فىلىمنىڭ ئومۇمىي ۋەقەلىكى ۋە بايان ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۈنۈملەر ئارقا-ئارقىدىن چىققان، كۆرۈرمەننىڭ دېمىنى سىقىۋېتىدۇ. ئومۇمىي فىلىمدە قانلىق كۆرۈنۈشلەر ئانچە كۆپ ئەمەس، «تاغلىق كەنتتىكى قېرى جەسەت» تىكىدەك بىۋاستە ھېس قىلدۇرىدىغان قورقۇنچىمۇ يوق.

پۈتۈن بىر فىلىمدە ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى پەقەت ساداكونىڭ قاپقارا چاچلىرى، ئۇنىڭدىن سىرت بارلىق ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان قورقۇنچلۇق ئۈنۈمنىڭ ھەممىسى مۇھىتنى قورقۇنچلۇق ھالغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان.

بۇنداق ئۇسۇلدا كۆرۈرمەندە تەسەۋۋۇر ۋە پەرەز شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىللە قورقۇنچلۇق ئاۋاز ئۈنۈمى ئىشلىتىلگەن، كۆرىۋاتقان ۋاقىتتا جىددىيلەشكىنىڭىزدىن نەپەسمۇ ئالالماي قالىسىز.

ھەقىقەتەنمۇ كىلاسسىك قورقۇنچلۇق فىلىملەر ئىچىدىكى كىلاسسىكى دېيىشكە بولىدۇ، قالتىس مۇھىت پەيدا قىلىش، قىسمەت شەكىلدىكى تىراگېدىيە باش لېنىيىسى ئارقىلىق «قەلبنى قورقۇنچنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئېلىش» مەقسىتىگە يېتەلىگەن.

بۇ فىلىمدە بىز قورقۇنچ ئېلمېنىتلىرىنىڭ توشاق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، قورقۇنچنىڭ مەنىسى كۆپ خىللاشتۇرۇلغان، باشتىن-ئاياغ قورقۇنچقا سېلىش داۋام قىلىدۇ.

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن قورقۇنچلۇق فىلىملەرنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ھەمىشە دورا ياكى روھىي كېسەل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خىيالىي تۇيغۇ بولۇپ چىقىدۇ.

لېكىن قورقۇنچلۇق فىلىمنى ياقتۇرىدىغانلار كۆپىنچىسى ياشلار قىززىققاق كېلىدۇ، ھەممە ھەققىدە ئىزدىنىپ باققۇسى كېلىدۇ، سىرلىق ھەم بىلگىلى بولمايدىغان كۈچ ھەققىدىكى نەرسىلەر ئۇلارنىڭ ھەقىقىي جەلب قىلىدۇ، بۇ دەل «تۈندىكى شۈركىنىشلىك قوڭغۇراق ئاۋازى»نىڭ ئەڭ ئالقىشلانغان بىر تەرىپى، ئۇنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن قورقۇنچلۇق فىلىملەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەمگە تېخىمۇ چوڭقۇر قورقۇنچ تۇيغۇسى بېرىدۇ.

فىلىمدىكى قورقۇنچلۇق ئېلېمىنتلاردىن سىرت يەنە بۇ فىلىم باشتىن-ئاخىر بىر لېنىيەنى چۆرىدىگەن، يەنى «قارغىش» بۇ فىلىمنىڭ باش لېنىيىسى:

ئەگەر ئاشۇ سىنئالغۇ لېنتىسىنى كۆرگەنلا بولسا چوقۇم قارغىشقا كېتىدۇ، بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ئاقىۋەت بار، بىرى 7 كۈن ئىچىدە ئۆلۈشى شەكسىز، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ھاياتلارنى قارغىشنى قوبۇل قىلىشقا ئازدۇرىدۇ.

يەنە بىرى بولسا، ھايات قېلىشنىڭ شەرتى ئالۋاستىنىڭ قارغىشىنى كۆپەيتىپ باشقىلارنى قەستلەش كېرەك، ئەمما ئۇنىڭ قەستلەيدىغىنى ھەمىشە ئاشۇ ئادەم ئەڭ ئىشەنگەن ۋە ئەڭ يېقىن كۆرگەنلەر.

بۇنداق تەقدىرگە پۈتۈلگەن قارغىش بۇ فىلىمنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق يېرى، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ سىن لېنتىسىنى كۆرۈپ باققان ئادەملەر ھەممىسى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ، شەكىلسىز ھالدا بىر خىل تەقدىرنى شەكىللەندۈرىدۇ.

توختىماستىن كۆرۈرمەنگە پىسخىكىلىق بىشارەت بېرىش ئارقىلىق كۆرۈرمەندە بىرخىل بىۋاستە ھېس قىلالايدىغان روھىي قورقۇنچ تۇيغۇسى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇڭا تېلېۋوزوردىن ئۆمىلەپ چىققان ساداكو فىلىمدە ئادەمنىڭ ئەڭ ئېسىدە قالىدىغان بىر كۆرۈنۈش بولۇپ قالغان.

قورقۇنچلۇق فىلىمنىڭ ئادەمنى ئەڭ قورقىتىدىغان تەرىپى ئەڭ ئاخىرىدىكى ئۆلۈم ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمنى كۈتۈش جەريانى، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇقى ئۆزىنىڭ قورقۇنچلۇق ھالدا ئۆلۈم كېتىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاشۇ ئۆلۈمنى كۈتۈش.

فىلىم توختىماستىن ئۆلۈم ۋاقتىنى ئارقىغا سۆرەش، قورقۇنچلۇق مۇھىت پەيدا قىلىش ئارقىلىق باش پېرسۇناژنى ھەمىشە ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان ھالدا كۆرسىتىپ كۆرۈرمەنگە قاتتىق بېسىم ئەكېلىدۇ، خۇددى بىر ئارغامچا بويۇنغا سېلىنىپ بىردەم چىڭىتىلىپ، بىردەم بوشىتىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالىدۇ، كۆرۈرمەننىڭ دېمى سىقىلىدۇ، قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ. بۇمۇ كىنونىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى.

سىز بۇ فىلىمنى كۆرگەنمۇ؟ يۇقارقى قاراشقا قانداق قارايسىز؟


باش سۈرەت تاللاش x
  • شاھىنشاھ1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان قورقۇنۇچلىق فىلىم تايلاندنىڭ 阴地فىلمى بۇ كىنونىڭ ۋەقەلىكمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلدۇ خۇددى كورىيەنىڭ تۇرمۇش فىلىملىردەك ، قۇرقۇنچلىق يېرىمۇ ئالامەت پىچەت ناھايتى تەبئى يەنە 鬼影فىلمىمۇ پەچەت ئىشقىپ تايلاند خېلى پەچەت ئىشلەيدۇ قورقۇنچلىق كىنولارنى ، دۆلتمىزنىڭ چىن كۈن چىقدىغان بىر كىنوسى بار ئىسمى ئىسمدە يوق بۇرۇن بىر قېتملا چالا كۆگەن يەنى ھەركۈنى سەھەر سائەت ئىككىدىن ئون مىنۇتتا ئويغىنىپ كىتىپ جىن كۆرىدىغان … شۇ كىنومۇ پەيزى كەچلىرى بالدۇر ئوخلايدىغان بولغان شۇ كىنونى كۆرۈپ باشقا قورقۇنچلۇق كىنولىرىنىڭ چورتلا تايىنى يوق …

  • شاھنازـexo1 ھەپتە ئىلگىرى

    قورقۇنۇشلۇق كىنو سىرلىق بولسا ئادەم يەيدىغان ئالۋاستى چىقمىسا پېچچەت بولىدۇ. ئۇلا يا مەخلۇق بوممىسا ئادەم يەيدىغانغا قاملاشمىغان. يەنە قۇسقۇسى كەپ كىتىدۇ ئادەمنىڭ
    ماۋۇ بەك پېچچەتتەك قىلىدۇ قار چاچ ئاق كىيىم تېخى تېلىۋىزوردىن ئۆمىلەپ چىقىش .
    ئۆزبەكنىڭ بىر كىنوسى با. قايتا تىرىلگەن قىز دەپ. ھازىرغىچە كۆرگەن ھەم مەن ئەڭ قورقىدىغان كىنو. سىلەگە تەۋسىيە قىلىمەن. باش پېرسوناژنىڭ ئسمى رۇخسارە

  • ئەلمېھرې1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەمما ما كىنو دەششەت ھە،،،،،،،،،،،،

  • ئالقىش1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇنداق داڭلىق كىنولارنى تەرجىمە قىلسىچۇ ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号