تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
«فوكىس خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10-چېسلا كۈنى 21 ياشلىق بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش تەنھەركەتچىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە ناھايىتى ساغلام ھەم كېلىشكەن بۇ يىگىت يۇقۇملۇق زۇكام دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن كېسىلىگە قىلچە پەرۋا قىلمىغان، بۇ ياش يىگىت پېنسىلۋانىيە شىتاتى پىتتىسبۇرگ ئۇنۋېرسىتىتى (University of Pittsburgh) نىڭ تىببىي مەركىزىدە يۇقۇملۇق زۇكام ئەگەشمە كېسەللىكلىرى سەۋەبلىك قازا قىلغاندىن كېيىن، يىگىتنىڭ ئۆيدىكىلىرى قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن. ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن يۈرىكى قاتتىق ئېزىلىپ پۇچىلانغان ئانىسى كەڭ تورداشلارنى زۇكامغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.
بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن كىيلېر بوگخام (Kyler Baughman) بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش تەنھەركەتچىسى بولۇپ، ئادەتتە ناھايىتى ساغلام كەلگەن بۇ يىگىتنىڭ بەدەن ساپاسى ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئۇ دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىدە چېنىقاتتى. كىيلېرنىڭ ئاپىسى كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئۆكسۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئۇ ئەسلىدە مەلۇم مەكتەپكە بېرىپ شەخسىي چېنىقىش تېرىنىرى بولماقچى ئىدى، لېكىن نەچچە كۈن ئىلگىرى توساتتىن يېنىككىنە يۆتىلىپ ئۆزىنىڭ سەل بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان، كېيىن ئۇ ئۆيدە نەچچە كۈن يېتىپ ئارام ئالدى، ئۇ مەيدىسى ئاغرىپ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، قىسقىغىنا 48 سائەت ئىچىدە، ئوغلۇمنىڭ سالامەتلىكى شىددەت بىلەن ناچارلىشىپ كەتكەنىدى».
چارشەنبە كۈنى، بۇ يىگىت ۋەست مورېلاند (Westmoreland) ناھىيىلىك جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئاپىرىلغان، كېيىن يەنە ئايروپىلان ئارقىلىق پىتتىسبۇرگ ئۇنۋېرسىتىتى تىببىي مەركىزىگە يۆتكەلگەن ھەم بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن شۇ جايدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ئورگان تەرەپ چىقارغان ئۆلۈم سەۋەبى يەكۈنىگە قارىغاندا، يىگىتنىڭ ئۆلۈمىگە يۇقۇملۇق زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان يىرىڭ زەھەرلىك شۈك بولۇپ قېلىش سەۋەب بولغان بولۇپ، يىگىتنىڭ ئىچكى ئەزالىرى زەئىپلىشىپ كەتكەن. ھازىر يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى باشقا كىشىلەرگە ئازراق بىئارامسىزلىنىش ھېس قىلسىلا چوقۇم دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە تەۋسىيە قىلغان. «ئۆز بەدىنىڭىزدە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىش ۋە ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىڭ ھەم شۇ ئارقىلىق يۇقارقىدەك پاجىئە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر بىر نەچچە كۈن ئۇدا توختىماي قىزىتمىڭىز ئۆرلەپ كەتسە، ئۆيىڭىزدىكىلەرگە دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىشنى ئېيتىڭ».
bahadir 84003 ئاي ئىلگىرى
ھەرقانداق،، ئاغرىققا، سەل، قارىمىغان،، ياخشى،، پەرۋاسىزلىق،، ھىچقاچان،، ئادەمگە، پايدا، قىلغان، ئەمەس،،، سىز، ئۆزىڭىزگە، كۇيىنمىسىڭىز،، باشقىلار،، سىزگە، كۇيىنىشىپ،، بەمەيدۇ،،،
man0993 ئاي ئىلگىرى
بۇ يىل زۇكام ھەقىقەتەن ئەشەددىي ،بۇرۇنقىدەك چۈشكۈرۈپ گال ئاغرىش بىلەنلا تۇختاپ قالمايدىكەن ،،،،ئادەمنى ياتقۇزۇپلا قۇيىدىكەن ،ۋىرۇسلارمۇ زامان ،ماكانغا بېقىپ يامانلايدىغان چېغى