باش بەت

ئىدىقۇت887

7105يوللانما
14مەستانە

غەۋۋاس ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئاغزىغا قارماق ئىلىنىشىپ قالغان لەھەڭنى قۇتقۇزدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 10:21 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

caternews تور بېكىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر غەۋۋاس فىلورىدا ئىشتاتىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا ئاغزىغا بېلىقچىلارنىڭ يوغان بېلىق قارمىقى ئىلنىشىپ قېلىپ ئاجرىتالماي قالغان بىچارە لەھەڭنى بايقىغان، لەھەڭنىڭ يارا ئېغىزى يۈرەكنى جىغىلدىتىدىغان بولۇپ، قارىماققا قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

كاسسې جېنسېن (Cassie Jensen) ۋە روگېر خاددىكىس  (Roger Haddix) ئىسىملىك غەۋۋاسلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم بىرەر تەدبىر قوللىنىپ لەھەڭنى قۇتقۇزمىسا، لەھەڭنىڭ ئۆزىگە تايانغاندا ئاغزىغا ئىلنىشىپ قالغان بېلىق قارمىقىنى چىقىرىۋىتىش ئۈچۈن نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى نەپەر غەۋۋاس ئاستا-ئاستا لەھەڭگە يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرگەن، روگېر ئىسىملىك غەۋۋاس لەھەڭنىڭ بۇرنىنى سىيلاپ ئۇنى تىنچلاندۇرۇش ئارقىلىق لەھەڭنىڭ ئاغزىغا ئىلنىشىپ قالغان چوڭ بېلىق قارمىقىنى ئېلىۋەتكەن.

كاسسې ئىسىملىك غەۋۋاس قىرغاققا چىققاندىن كېيىن لەھەڭنىڭ ئاغزىدىن ئېلىۋىتىلگەن چوڭ بېلىق قارمىقىنى رەسىمگە تارتىۋالغان، ئۇ مۇنداق دېگەن:«فىلورىدا ئىشتاتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بېلىق تۇتىدۇ، لېكىن يامان يېرى شۇكى، بەزى كىشىلەر لەھەڭمۇ تۇتىدۇ، بىز دائىم ئاغزىغا بېلىق قارمىقى ئىلنىشىپ قالغان لەھەڭلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، بۇ بېلىق قارماقلىرى ناھايىتى يوغان بولۇپ، ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا ئېلىۋىتىلمىسە چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدۇ، بۇ لەھەڭلەر خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن بىزگە ئىشىنىپ بىزگە ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىدىغان بولىدۇ، لەھەڭ ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك قارا-قويۇقلا ئادەمگە ھۇجۇم قىلىدىغان قاتىل ھايۋان ئەمەس، ئۇلار ناھايىتى ئەقىللىق، ئۇلار بىر مەزگىل كۆزەتكەندىن كېيىن ئاندىن كىشىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. يەر شارى ئۈچۈن لەھەڭ كەم بولسا بولمايدۇ، لېكىن ھازىر لەھەڭنىڭ سانى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئازىيىپ بارماقتا. بارلىق لەھەڭ تۈرلىرى نۆۋەتتە يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى، ئەگەر لەھەڭ يوقالسا، دېڭىز-ئوكيانلارمۇ ۋەيران بولىدۇ، دېڭىز-ئوكيان ۋەيران بولسا يەر شارىمۇ ۋەيران بولىدۇ».

باش سۈرەت تاللاش x
  • قايدا سەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن قارام ئادەمكەن قول قويدۇم زادى،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号