باش بەت

ئىدىقۇت887

7109يوللانما
14مەستانە

ھىندىستاندىكى ئايروپىلان قونۇش يولىغا كالا كىرىۋالغانلىقتىن ئايروپىلانلار باشقا ئايرودرومغا قونۇشقا مەجبۇر بولدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 11:10 9 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كالىنىڭ ھىندىستاندا مۇقەددەس ئىلاھقا سىمۋول قىلىنىپ  ئۇلۇغلىنىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم، كۆپىنچە چاغلاردا، يولدا كېتىۋاتقان پىيادە كىشىلەر ۋە ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى كالىغا ئۇچراپ قالسا ئەگىپ ئۆتۈش ئارقىلىق كالىلارغا يول بوشىتىپ بېرىدۇ. ھەتتا ئايروپىلانلارمۇ بۇ خىل ئەھۋالدىن مۇستەسنا ئەمەس بولۇپ، مۇقەددەس كالىلارنىڭ ئايروپىلان قونۇش (ئۇچۇش) يولىغا كىرىۋالغانلىقىنى كۆرگەن ئايروپىلانلار دەرھال كالىلارغا يول بوشىتىپ باشقا ئايرودرومغا قونغان.

ھىندىستان ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئېتىخاد ئاۋىياتسىيە شىركىتى (Etihad Airways) نىڭ دۇبەيدىن ھىندىستاندىكى ئەھمەد ئاباد شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىلەن يەنە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەھمەد ئابادتىكى پاتېل خەلىقئارا ئايرودرومى (Patel International Airport) غا قونۇۋاتقاندا قايتىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ بومباي ئايرودرومىغا بېرىپ قونۇشقا مەجبۇر بولغان.

ئەسلىدە يۇقارقى ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى «قورقۇتۇپ» باشقا ئايرودرومغا بېرىپ قونۇشقا مەجبۇرلىغان نەرسە باشقا نەرسە بولماستىن بەلكى پاتېل خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ قونۇش (ئۇچۇش) يولىغا كىرىۋالغان بىر تۇياق كالا ئىدى....

كەينىدىن ھىندىستان ئايرودروم باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى موخاپاترا (Mohapatra) بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كالا ئايروپىلان قونۇش (ئۇچۇش) يولىنى توغرىسىدا كېسىپ ئۆتۈپ نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال قونۇش ۋە ئۇچۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن، كېيىن ئالاقىدار خادىملار تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنغان.

ھىندىستان ئايرودروم باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرەپ بۇ كالىنىڭ ئايرودرومنىڭ قاتمۇ-قات بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش توساقلىرىدىن ئۆتۈپ قانداقسىگە ئايروپىلان قونۇش (ئۇچۇش) يولىدا پەيدا بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، ئەسلىدە شۇ كۈنى سەھەر سائەت ئۈچلەردە، ئىككى ماشىنىنىڭ ئايروپىلان قونۇش (ئۇچۇش) يولى يېنىدىكى دەرۋازىدىن ئايرودرومغا كىرگەنلىكىنى، بۇ كالىنىڭمۇ شۇ چاغدا ماشىنىغا ئەگىشىپ باشقىلارغا تۇيدۇرماي ئايرودرومغا كىرىۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ئايرودروم خادىملىرى تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ «چاتاق تېرىغان» بۇ كالىنى ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن، بۇ ئارلىقتا ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلان بومباي ئايرودرومىغا بېرىپ قونۇشقا مەجبۇر بولغان، باشقا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋە قونۇشىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېچىكتۈرۈلۈپ تەسىرگە ئۇچرىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • گۈلىستان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھېندىستاندىكى سەتچىلىك ئەمدى ئاۋىئاتسىيەسىگە كىپتۇ.سوقۇشقاق ئوچقۇچىلار دىگەندەك

  • جاھىيل1 ھەپتە ئىلگىرى

    كالىنى بېسىپ ئۆتۈپ كىتىدىغان ماشىنا ئەمەس، ئايۇرپىلان يەرگە بىخەتەر قونۇش ئۈچۈن يەر يۈزىدە كىچىكىنە توسالغۇ بولسا قونسا بومايدۇ، كالىغا سوقالسا ئايۇرپىلان چاقى قونۇش يولىدىن چىقىپ كىتىپ كونتوروللىغىنى يوقىتىپ ئايۇرپىلان پارتىلايدىغان ئىش چىقىدۇ.

  • قايدا سەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەگەر كالىنىڭ ئورنىدا ئادەم ياكى باشقا نەرسە بولغان بولسا بېسىپ ئۈتۈپ كىتەر بولغىيدى،،،، بەزى ئادەملەرنى ئۆمۈر بويى چۈشەنگىلى بولمايدىكەن،،،

  • kHRYSTAL1 ھەپتە ئىلگىرى

    نەدىكى مۇشتا خەۋەرلەر ھىندىستاندا يۇز بىردۇ جۇما ئۇيلىساملا گۇلگۇم كىلدۇ

  • تۇلپار CR71 ھەپتە ئىلگىرى

    كالىنىڭ ئەتىۋارىنى ھىندىستان خەلىقى قىلدىكەن مانا ھە ! بىز مىيەدە ھايۋان چاغلىغان بىلەن ئۇلار كالىنى ئىلاھ چاغلايدىكەن ئەمەسمۇ ؟

  • 调 福星1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇنداقتا ھىندىستان كوچىلىرىنى بىزنىڭ كالا قوتىنىدىن پەرىقلەنمەيدىكەن

  • motiwar81 ھەپتە ئىلگىرى

    ئى ئاكالا ئەجەپ چىرايلىق چۈشۈپتۇ رەسىمگە

  • H4131171 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇلا مايمۇن كالىنى ئىلاھنىڭ ئورنىدا كۆرىدۇ ئەمەسمۇ ، شۇڭا

  • ✬№⑦ゞฟãℜiŠჟoℕ1 ھەپتە ئىلگىرى

    كالىنى ھىندىستاندىلام باقسا بۇلامتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号