باش بەت

durdana

1329يوللانما
80مەستانە

20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق 100 كىيىم لايىھەلىگۈچى(تامام)

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 12:41 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

81. زاندىرا رودېس (Zandra Rhodes)

70-80-يىللاردا توقۇلما رەختتىن كىيىم لايىھەلەشكە باشلىغان. رومانتىك گۈل بېسىلغان لايىھە، يۇمشاق ماتېرىيال، قولدا قىلىنغان تورلۇق گۈل بېسىلغان كىيىملەر ئۇنىڭ لايىھەسىدۇر.

82. نارسىسو رودرىگۇز (Narciso Rodriguez)

90-يىللاردا ئىسپانىيە لايىھە شىركىتى Loewe ئۈچۈن كىيىم لايىھەلەپ بەرگەن.

83. ئىۋېس سايېنت لاۋرېنت (Yves Saint-Laurent)

فىرانسىيىنىڭ مودا لايىھەلىگۈچىسى، 20-ئەسىردىكى فىرانسىيىلىك ئەڭ ئۇلۇغ لايىھەلىگۈچىنىڭ بىرى.

84. جىل ساندېر (Jil Sander)

90-يىللاردا ئاددي ماتېرىياللاردىن يۇقىرى سۈپەتلىك كىيىملەرنى لايىھەلىگەن، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ھۈنىرى بىلەن داڭلانغان، ئۇ بىر قۇر چىقىدىغان يۈرۈشلۈك كىيىم ۋە تاق كاستيۇم مۇتەخەسسىسى.

85. ئادەل سىمپسون (Adele Simpson)

نىيۇيوركلۇق لايىھەلىگۈچى، ئۇ ئەڭ بۇرۇن خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار ئۈچۈن كىيىم لايىھەلەپ بېرىدىغان لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان. سىمپسون خىزمەتتىكى ئاياللارغا قانداق كىيىمنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ 20 ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا تالالىق رەختتىن كىيىم تىكىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ كىيىملىرىدىكى مەلۇم بىر بېزەكنى ئېلىۋەتسىڭىزلا ئۇنى كەچلىرى ۋە كۈندۈزدە، خىزمەتتە ياكى زىياپەتتە كىيىۋەرگىلى بولىدىغان كىيىم بولىدۇ.

86. ئېلسا سچياپارېللى (Elsa Schiaparelli)

30-،40-يىللاردا پارىژدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۇسلۇبتا كىيىم لايىھەلەيدىغان لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بىرى، «كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھالرەڭ» لايىھەلىرى بىلەن داڭلىق.

87. ئاننا سۇي (Anna Sui)

ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق لايىھەلىگۈچى. ئۇ 10 يىل بۇرۇن «5 چوڭ مودا ئاتامانى»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى ئامېرىكا كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىلىرىگە بېرىلىدىغان جېففىرى بىن ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ جورج ئارمانى، رالف لورېن قاتارلىق ماركىلارغا قوشۇلغان.

88. پولىن تىرىگرې (Pauline Trigère)

40-يىلىدىن 80-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ ئاۋانگارت لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولغان، ئۇنىڭ چاپانلىرى بەك داڭلىق، ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغا بەك ئىخلاس قىلىدۇ.

89. رىچارد تايلېر (Rid Tyler)

90-يىللاردىكى كاستيۇم زاكاسلىرى، ئالىي دەرىجىلىك كېسىم، نەپىس ھەم مۇرەككەپ پاسونلىرى بىلەن داڭلانغان، 90-يىللاردىكى ھوللىۋود چولپانلىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان لايىھەلىگۈچى.

90. ئېمانۇئېل ئۇنگارو (Emanuel Ungaro)

70-،80-يىللاردا كائىنات تۇيغۇسىغا كەلتۈرىدىغان، رەڭلىرى ئوچۇق، ئۇچلۇق مىخ شەكىللىك لايىھەلىرى بىلەن داڭلانغان.

91. ۋالېنتىنو كلېمېنتې لۇدوۋىكو گاراۋانى (Valentino Clemente Ludovico Garavani)

ھەشەمەتلىك، ئېسىلزادە، چىرايلىق لايىھە ئۇسلۇبى بىلەن شۆھرىتى جاھانغا تارالغان بۇ لايىھەلىگۈچى تۇغما سەنئەت ئىلھامىغا باي بولۇپ، مودا ساھەسىگە باشلامچىلىق قىلىپ ئاق سۆڭەكلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئېسىلزادىلىكنى نامايەن قىلىپ بەرگەن، ئۇ ھەشەمەت، راھەت-پاراغەتلىك ھازىرقى زامان تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ نامايەندىسى.

92. گىيوۋاننى مارىيا ۋېرساچ (Giovanni Maria Versace)

80-90-يىللاردا گۈل باسقان، مېتال ۋە تۆشۈك تورلۇق كىيىملەرنى لايىھەلەپ، كىيىم ساھەسىدە روك ئاتىسى دەپ ناملانغان.

93. ۋېرا ۋاڭ (Vera Wang)(王薇薇)

ئۇ لايىھەلىگەن توي كۆينەكلەر كونا ئۇسلۇبتىكى توي كۆينەكنىڭ ھەشەم ۋە مۇرەككەپلىكىنى بۇزۇپ تاشلىغان، ئاددي، مودا ھەم ھازىرقى زامانچە لايىھەلىرى ئامېرىكا مودا ساھەسىدە يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. گەرچە ۋېرا ۋاڭنىڭ كىيىملىرىنىڭ باھاسى ئۆرە بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ لايىھەلىرى مەڭگۈ چولپانلارنىڭ مۇراسىملاردا ئەتىۋارلاپ كىيىدىغان كىيىمى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ لايىھەلىرى ھوللىۋودتىمۇ ناھايىتى ئالقىشلىق.

94. ۋىۋىئەن ۋېستۋۇ د(Vivienne Westwood)

ئەنگلىيىلىك مودا كىيىم لايىھەلىگۈچى، مودا ساھەسىدىكى «فاڭك ئانىسى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ ئەنگلىيەدىكى بىر ئىشچى ئائىلسىىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى فاڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان. ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ئۇنىڭ ئىككىنچى يولدىشى ئەنگلىيىدىكى ئەڭ داڭلىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ۋاستىچىسى مالكولم ماكلارېنغا مەنسۇپ. ئۇ روك ئۇسلۇبىدىكى يىرتىق، تۆشۈك T مايكا، سىرىتما، ھەرخىل شوئار، مېتال بېزەكلەر بىلەن ھازىرغىچە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن.

95.يوجى ياماموتو(Yohji Yamamoto) بولسا ياپونىيەنىڭ مودا ئېقىم لايىھەلىگۈچىسى ھەمدە يېڭى بىر ئەۋلاد لايىھەلىگۈچى. ئۇ ئاددي ئەمما ۋەزنىلىك، سىزىقلىرى راۋان، مودىغا قارشى لايىھە ئۇسلۇبى بىلەن داڭلانغان.

96. ئەززىدىن ئالائىيا (Azzedine Alaia)

ئۇ 80-يىللاردا «دەرىجىدىن تاشقىرى تار كىيىملىرى» بىلەن مودا ساھەسىگە باشلامچىلىق قىلىپ، «تار كىيىم ئاتىسى» دەپ ئاتالغان، ئۇ مودا ساھەسىدىكى رىۋايەتلىك لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بىرى.

97. مانولو بلەنىك (Manolo Blahnik)

كىيىم ساھەسىدىكى رىۋايەتلىك شەخىس، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ موزدوز دەپ ناملانغان. ئۇ لايىھەلىگەن ئاياغلار تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، تەننازلىقنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. 400 فوندسىتىرلىڭنى رازىمەنلىك بىلەن خەجلەپ ئۇنىڭ بىر خېرىدارى بولۇشنى نۇرغۇن ئادەم خالايدۇ. شۇنداقلا ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىلزادە شەخسلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئاممىۋى ئوبرازى شۇنچىلىك مۇكەممەل، قۇسۇرسىز بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىنىشى ئىزچىل قوش تۈگمىلىك كاستيۇم بولۇپ كەلگەن.

98. سارا بليېكلى (Sara Blakely)

داڭلىق ئىچ كىيىم ماركىسى Spanxنىڭ ئىجادچىسى، ئۇ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ بېيىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئىستىتىك تۇيغۇسى ۋە ئىلغار ھەم قاپ يۈرەك مودا ئۇقۇمى بىلەن ناھايىتى ئۆزگىچە Spanx تور پايپاقلىرىنى بازارغا سالغان.

99. ھۈسەيىن چالايان (Hussein Chalayan)

تۈركىيە ۋە سىپرۇس قان سېستىمىسىغا ئىگە مەزكۇر لايىھەلىگۈچى كىيىم ساھەسىدىكى زاتلار تەرىپىدىن ئەنگلىيە كىيىم-كېچە ساھەسىدىكى تالانت ئىگىسى دەپ قارىلىپ، ئاۋانگارت سەنئەتكارلارنىڭ ۋارىسى دەپ تەرىپلەنگەن. «TIME» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ھۈسەيىننى:«ئۇ باشقىلار قېزىپ چىقالمىغان جايلارنى بايقىيالايدۇ، مودىغا قارشى ھالدا پۇختىلىقنى تاللايدۇ، ھەشەم بۇيۇملاردىن بەكرەك لايىھەنىڭ ئۆزىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ» دەيدۇ.

100. تام بروۋن (Thom Browne)

2006-يىلى ئامېرىكا مودا كىيىم-كېچەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كاتتا مۇكاپاتى(CFDA) ئەڭ ياخشى ئەرلەر كىيىمى لايىھەسى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان، لايىھەسى مەملىكەتلىك لايىھە مۇزىيىغا كىرىشتە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە خەلقئارالىق كىيىم تەشكىلاتى«FASHION GROUP INTERNATIONAL»غا قاتناشقان، 2005-يىلى ئەرلەر كىيىمى لايىھەسىدە يېڭى يۇلتۇز مۇكاپاتىنى ئالغان.


باش سۈرەت تاللاش x
  • شاھنازـexo1 ھەپتە ئىلگىرى

    قايىل بولۇشقا تىگىشلىك كىشلەر مۇشۇ لايىھەلىگۈچىلە. يېڭىلىق يارىتىدۇ. ھەقىقەتەن قالتىس

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号