باش بەت

ئۈمىدجان

332يوللانما
2مەستانە

بېنتلېي بېنتايگا ئاپتوموبىلىنىڭ V8 بېنزىن نۇسخىسىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 10:26 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېنتلېي (Bentayga) بېنتايگا V8 بېنزىن نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، نۆۋەتتە سېتىلىۋاتقان تىپىغا سېلىشتۇرغاندا يېڭى ئاپتوموبىلغا ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 550 ئات كۈچىگە يېتىدىغان، ئەڭ تولغىنىش مومېنتى 770 نيۇتون مېتىرغا يېتىدىغان 4.0T V8 قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق بېنزىن ماتور سەپلەنگەن. ئىگىلىنىشچە، يېڭى ئاپتوموبىل بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگودا بازارغا سېلىنىدىكەن.

يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېنتايگا V8 بېنزىن نۇسخىسى تاشقى قىياپەت جەھەتتە نۆۋەتتە سېتىلىۋاتقان تىپى بىلەن پەرقى يوق. دەسلەپكى دەرىجىلىك بېنزىن نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى سالاھيىتىگە ئۇيغۇن كېلىش ئۈچۈن، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى سالاسۇن، ھاۋا كىرىش ئېغىزى V8 دىزېل نۇسخىسىدىكى تىپى بىلەن ئوخشاش قارا رەڭلىك لايىھە قوللىنىلغان، W12 بېنزىن نۇسخىسىدىكى تىپىنىڭ خىروم يالىتىلغان ئېلېمېنتلىرى ئىشلىتىلمىگەن. بۇنىڭدىن سىرت تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بېنتايگا V8 بېنزىن نۇسخىسى ئاپتوموبىل يۈرۈشلىكىدىكى تۇنجى كاربون ساپال تورمۇزىنى تاللاپ ئورناتقىلى بولىدىغان ئاپتوموبىل تىپى، ئالدى-كەينى تورمۇز تەخسىسىنىڭ دىئاممېتىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 440mm ۋە 370mmغا يەتكەن، ئالدى پەركا پورژېن سانىمۇ 10غا يەتكەن، بۇ پارامېتىرلار مەزكۇر سىستېمىنى نۆۋەتتىكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوموبىل تىپىدا قوللىنىلغان ئەڭ چوڭ رازمېرلىق ئالدى چاق تورمۇز سىستېمىسىغا ئايلاندۇرغان.

يېڭى ئاپتوموبىل ئىچكى بېزەك جەھەتتە نۆۋەتتە سېتىلىۋاتقان ئاپتوموبىل تىپى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان، بىراق كاربون تالالىق ماتېرىيالنىڭ بىرىكتۈرۈلىشى يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزىكىنى قارىماققا ئۇنچە «كەسكىن» كۆرسەتمەيدۇ. ئورگان تەرەپ 4.0T V8 قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق بېنزىن ماتور قوللىنىلغان يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ 4.5 سېكۇنت ئىچىدە 0-100km/hكە تېزلىنىشنى تاماملايدىغانلىقىنى، بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ تېز سۈرئىتىنىڭ 290km/hكە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号