باش بەت

ئۈمىدجان

448يوللانما
2مەستانە

خوندانىڭ ئۈچ خىل ئالاھىدە نۇسخىدىكى ئۇقۇم ئاپتوموبىلى نامايان بولدى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 10:40 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2018-يىللىق توكيو ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار كۆرگەزمىسىدە خوندا قارمىقىدىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سەپمۇ پەيدىنپەي نامايان بولدى، خوندانىڭ سپورت يۈرۈشلۈك زاپچىسى سەپلەنگەن يۈرۈشلۈك ئاپتوموبىل تىپلىرى بولۇپ، CR-V Custom Concept ۋە S660 Modulo X Concept ھەمدە STEP WGN Modulo X Concept قاتارلىق ئۈچ خىل ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەڭ يېڭى CR-V Custom Concept ئەڭ يېڭى CR-V ئادەتتىكى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىغا سېلىشتۇرغاندا تاشقى قىياپىتىدە Moduloنىڭ تاشقى قىياپەت يۈرۈشلۈك زاپچىسى قوشۇلغان، ئالدى يۈز قىسىمىدا يېڭى ئاپتوموبىلغا ئەڭ يېڭى ئالدى بىخەتەرلىك لىمى ئاستى قىسىمى ياسىلىش تىپى قوللىنىلغان، تورسىمان ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ھەمدە كۈلرەڭلىك خىروم يالىتىلغان بېزەك تاياقچە قوللىنىلغان. بىرلا ۋاقىتتا يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە 19 ديۇملۇق پارقىراق قارا رەڭلىك چاق گەردىشى، قارا رەڭلىك يان ھاۋا ئېقىمى ئۈزۈش تاختىسى، قارا رەڭلىك تورۇس ھەمدە قارا رەڭلىك ئارقا ھاۋا ئېقىمى ئۈزۈش تاختىسى قوللىنىلغان. پۈتكۈل جەھەتتىن قارىغاندا يېڭى ئاپتوموبىل ھازىرقى نۇسخىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ سپورت كۆرۈنىدۇ.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى قىسىمىدا يېڭى ئاپتوموبىل ئادەتتىكى نۇسخىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان، 1.5T ۋە 2.4L ئىككى خىل ماتورنى تاللاشقا بولىدۇ، بۇنىڭدا 1.5Tلىق تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 192 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 243 نيۇتون مېتىر، 2.4Lلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 186 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 244 نيۇتون مېتىر.

بۇنىڭدىن سىرت، خوندا يەنە S660 Modulo X Concept ۋە STEP WGN Modulo X Concept ئىككى خىل ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئالغاچ كەلگەن، ئىككىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان، قارا رەڭلىك ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ۋە تېخىمۇ كېسىش سىزىقى ئۇسلۇبىدىكى ئورالما لايىھەسى قوللىنىلغان، قارا رەڭلىك سپورت چاق گەردىشى ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئاكتىپ ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号