باش بەت

خەندان

759يوللانما
78مەستانە

مارۋېل كاتتا فىلىمى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4»نى سۈرەتكە ئېلىشنى رەسمىي تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 11:08 2 ئىنكاس چۈشتى

20180113100800486.jpg

زومىگەر قارا تورتنى تالىشىش

فىلىم رېژىسسورلىرى ئانتونى رۇسسو بىلەن جوۋ رۇسسو

 مارك رۇففالو بىلەن پائۇل رۇد قۇچاقلاشماقتا

رۇففالو بىلەن كىرىس ئەۋېنىس قۇچاقلاشماقتا

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسسو ئاكا-ئۇكىلار تۈنۈگۈن «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3» بىلەن «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4» نىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرىنىڭ رەسمىي تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇنى تەبرىكلەپ ئېلىپ بېرىلغان ئولتۇرۇشنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى، زومىگەرنىڭ شەكلىدە ياسالغان قارا تورتنى تالىشىش كۈرىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇ ئىككى بۆلۈم فىلىم بىر يىلغا يېقىن سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە مارۋېلنىڭ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن قەھرىمانلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ بۆلۈمدە جەم بولىدىكەن.

باش رولچىلارمۇ ئىنتايىن كاتتا بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە روبېرت داۋنېي جىئېر، كىرىس ئەۋېنىس، سىكارلېت جوھانسون، كرىس خەمىسۋورىس، مارك رۇففالو، ئېلىزابىت ئولسېن، پائۇل بېتتېنىي، بېنېدىت كامبېربەچ، چادۋىك بوسېمېن، تام ھوللاند، پائۇل رۇد، نىكول لىللىي ۋە برىې لارسون، سەمۇئېل ل جەكسون قاتارلىق ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپانلىرىنىڭ ھەممىسى نامايەن بولىدۇ. كائىنات قۇرۇلمىسى ئىنتايىن كاتتا بولۇپ فىلىم ۋەقەلىكىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپلىشىپ بارىدۇ.

«قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3» (复仇者联盟3) بۇ يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4»(复仇者联盟4) كېلەر يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى قويۇلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بالۇن قاپىيە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىسىل ئىسىل ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ساقلايمەن شۇ قانداق قىلالايتتىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号