باش بەت

ئىدىقۇت887

7109يوللانما
14مەستانە

ئۈچ ئاكا-سىڭىلنىڭ ئومۇمىي تەن ئېغىرلىقى 1500 جىڭغا يەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 13:12 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«قۇياش گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى TLC تېلېۋىزىيە قانىلى ئادەمنى قاتتىق چۆچۈتىدىغان بىئوگرافىك فىلىمنى قويغان بولۇپ، بۇ فىلىمدە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان نەۋرە ئاكا-سىڭىل ئۈچەيلەننىڭ ئومۇمىي تەن ئېغىرلىقىنىڭ 124 ستون (يەنى تەخمىنەن 1574 جىڭغا تەڭ) يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن، دوختۇرلار بۇ ئۈچ ئاكا-سىڭىلغا «ئەگەر يەنە داۋاملىق يەۋەرسە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن چىتوكا لايت (Chitoka Light)نىڭ تەن ئېغىرلىقى 609 جىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ باقمىغىنىغا ئاللىقاچان ئۈچ يىل بولغان، ئۇنىڭ تەن ئېغىرلىقى  يۇقارقى ئۈچ قېرىنداش ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولۇپ، بارلىق ئىشلارنى كارۋات ئۈستىدە قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن:«مەن ئۆيۈمنىڭ بەزى جايلىرىغا ئەينەك قويۇپ قويغان، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەينەكنىڭ ئەكسىدىن ئۆينىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرالايمەن.» ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك ئىش-پائالىيەتلىرى، مەسىلەن ئالايلۇق ھاجەتكە چىقىش قاتارلىقلارنىڭمۇ ھەممىسى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر مەيدان ئېغىر «جەڭ» ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ غايەت زور بەدىنى پۇت-قول بوغۇملىرىغا ناھايىتى چوڭ بېسىم چۈشۈرىدۇ.

بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن دىرېۋ سىتېۋارت (Drew Stewart)نىڭ تەن ئېغىرلىقى 48 سىتون (يەنى تەخمىنەن 609 جىڭغا تەڭ)غا يەتكەن بولۇپ، ئۇ ئادەتتە يولمۇ ماڭالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. دىرېۋ ئادەتتە ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يول مېڭىش ناھايىتى جاپالىق ئىش بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا بۇ ئىشنى قىلىشىم كېرەك، چۈنكى ئۇنداق قىلمىغاندا مەن كۈنبويى كارۋاتتىن چۈشمەي ياتىدىغان كېسەلگە ئايلىنىپ قالىمەن. مەن چوقۇم تاماقنى جىق يېگەنلىكىم سەۋەبىدىن سەمىرىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋۋال ئورۇقلاش مەقسىتىمگە يېتىشىم كېرەك.»

بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ناۋمى ئاندېرسون (Naomi Anderson)نىڭ تەن ئېغىرلىقى 28 سىتون (يەنى تەخمىنەن 355 جىڭغا تەڭ)غا يەتكەن بولۇپ، ئۇ ھازىر ئاپىسىنىڭ ئورۇقلىشىنى قوللاش ئۈچۈن قىلدۇرغان ئاشقازاننى بوغۇپ ئايرىۋىتىش ئوپېراتسىيىسى ئۈچۈن ئازابلانماقتا، چۈنكى ئۇنىڭ ئاپىسىدا ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلگەنىدى. ئەسلىدە بۇ ئاكا-سىڭىل ئۈچەيلەن بىلەن ناۋمىنىڭ ئاپىسى بىرلىكتە بۇ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئورۇقلىماقچى بولغان، لېكىن ناۋمىنىڭ ئاپىسى ئۇلاردىن ئەنسىرەپ ئالدى بىلەن ئۆزى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ سىناپ باقماقچى بولدى، نەتىجىدە، ئوپېراتسىيىنىڭ نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي، يۇقارقى ئۈچ ئاكا-سىڭىلنى ئاشقازان ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش ياكى قىلدۇرماسلىق توغرىسىدا ئىككىلەندۈرۈپ قويغان.

دوكتور چارلېس پىروكتېر (les Procter Jr) ھازىر بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى تېزدىن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشى لازىم ئىكەن.

ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ھازىر يەپ ئۆلۈپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالماقتا، ئەگەر ئۇلار يەنە ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسا، ئۇنداقتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.»

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号