باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

مەلىكە شارلوت ئىسپانىيەلىك بالا باققۇچىدىن ئىسپانچە ئۆگەنمەكتە

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 11:26 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ كىچىك مەلىكىسى شارلوت يەسلىگە كىردى. 2017-يىلى 12-ئايدا مەلىكە شارلوتنىڭ «تۇغما سېتكا توپ تەنھەرىكەتچىسى» ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ مەلىكىنىڭ تالانتى يالغۇز سېتكا توپ ئويناشلا ئەمەس. ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن مەلىكە شارلوت تېخى ئىسپانچە سۆزلىيەلەيدىكەن. 

ئۇنداقتا، مەلىكە شارلوت نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئىقتىدارلىق؟ چۈنكى مەلىكىگە ئىسپانىيەنىڭ پالېنسىيا شەھىرىدە تۇغۇلغان مارىيە (Maria Teresa Turrion) ئىسىملىك ئايال بالا باققۇچى بولغان. «شەخسلەر» ژۇرنىلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ئاساسلانغاندا، ئوماق مەلىكە ھازىر ئىسپانچە سۆز بىرىكمىلىرىدىن بىر نەچچىنى ئۆگىنىۋالغاندىن باشقا، يەنە: «ئۇ بەك ئوماقكەن، ئۆزىگە بەك ئىشىنىدىكەن، ئۇ ئىسپانچە سۆزلىشىشكە بەك ئامراقكەن» دېيەلەيدىكەن. بىرەيلەن بۇ مەلىكىنى تەسۋىرلەپ: «ئۇ بەكلا ئەدەبلىك، سىلىق-سىپايە بولغاندىن باشقا، يەنە يۇمۇرىستىك، جۇشقۇن» دېدى. سۈرەتتە، مەلىكە شارلوتنىڭ ئىسپانىيەلىك بالا باققۇچىسى مارىيە.

مەلىكە شارلوت ھازىر ئاكىسىغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. چۈنكى شاھزادە جورج ئۈچ ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئىسپانچە بىردىن ئونغىچە سانىيالايتتى. 2017-يىلى كېنەز خانىمى كەيت ئاممىۋىي سورۇندا: «ئۇ (بالا باققۇچى مارىيە) ھازىر شارلوتقا ئىسپانچە ئۆگىتىۋاتىدۇ، شاھزادە جورج ئىسپانچە بىردىن ئونغىچە سانىيالايدىغان بولۇپ بولدى» دېگەنىدى. 

بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن كەيت ئائىلىسىدىكىلەر نورفولكتىكى ئاننىي خولدىن لوندوندىكى كېنسىنگتون ئوردىسىغا كۆچۈپ باردى. ھازىر شاھزادە جورج توماس بارت مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش ھەققى 5868 فوندستېرلىڭ (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 51 مىڭ 450 يۈەن)، مەلىكەت شارلوت خان جەمەتى ئالبېرت تىياتىرخانىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ۋىلكوكس يەسلىسىدە ئوقۇيدۇ. بۇ يەسلىدىن كېنسىنگتون ئوردىسىغا بېرىش ئۈچۈن پەقەت بىر نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەسلىنىڭ مەۋسۈملۈك ئوقۇش ھەققى 3000 فوندستېرلىڭ (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 26 مىڭ 445 يۈەن) ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئامىدىيۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    سەل سۈرلۈك كۆرىنەمدۇ بۇبالاباققۇچى

  • مەلىكە1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ مەلىكە مۇمىسىغا بەك ئوخشايدىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号