باش بەت

ئۈمىدجان

337يوللانما
2مەستانە

مازدانىڭ تۆت خىل ئالاھىدە نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى نامايان بولدى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 12:04 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2018-يىللىق توكيو ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار كۆرگەزمىسىدە مازدا CUSTOM STYLE يۈرۈشلىكىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنى نامايان قىلدى، CX-3، CX-5، CX-8 ھەمدە MX-5 تۆت خىل تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى ئاپتوموبىللار ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى تىپى ئاساسىدا ياسالغان، تاشقى قىياپەت جەھەتتە سپورت يۈرۈشلۈك زاپچىسى قوللىنىلغان بولۇپ، كۆرۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يۇقىرى كۆتۈرگەن.

ئىگىلىنىشچە، مازدا بۇ قېتىم  CX-3، CX-5، CX-8 ھەمدە MX-5 تۆت خىل ئاپتوموبىلنىڭ CUSTOM STYLE يۈرۈشلۈك ئاپتوموبىل تىپىنى چىقارغان.

بۇنىڭدا CX-8 ۋە CX-5نىڭ CUSTOM STYLE ئاپتوموبىل تىپىغا يېڭى ئورالما، يېڭى ئاپتوموبىل سىرى قوللىنىلغان، مەخسۇس تورمۇز پەركاسى رەڭگى، تەڭشىگىلى بولىدىغان ئاسما جازا، ئۆزگىچە 20 دىيۇملۇق ئاليۇمىن قېتىشمىلىق چاق گەردىشى قوللىنىلغان، چاقنىڭ رازمېرى 255/45 R20. يېڭى CX-8 ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىگە مەخسۇس قوڭۇر خۇرۇم قاپ قوللىنىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئىككى خىل ئاپتوموبىلغا كېرەكسىز گاز چىقىرىشنى كۆزىتىش ئېكرانى سەپلەنگەن.

CX-3 ئالاھىدە نۇسخىسىغا قارا رەڭلىك ئاپتوموبىل گەۋدىسى ئورالمىسى، ئارقا ھاۋا ئېقىمى ئۈزۈش تاختىسى، قارا رەڭلىك سىرت ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى قېپى، LED چىراغ گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار قوللىنىلغان. يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە 19 دىيۇملۇق مەخسۇس چاق گەردىشى، قىزىل رەڭلىك تورمۇز پەركاسى قوللىنىشى كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. ئاپتوموبىل ئىچىگە كۆپ مىقداردا خۇرۇم قاپ ئىشلىتىلگەن.

MX-5 ئالاھىدە نۇسخىسىغا ئوخشاشلا ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىل گەۋدىسى ئورالمىسى ئىشلىتىلگەن ھەمدە تەڭشىگىلى بولىدىغان ئاسما جازا سەپلەنگەن. ئاپتوموبىل ئىچى كۆپ مىقداردا Alcantara ماتېرىيالى بىلەن قاپلانغان. ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىغا ئىلگىرى MX-5 Red Top تىپىدا ئىشلىتىلگەن قىزىل تورۇس قوللىنىلغان. ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە بۇ تۆت خىل ئاپتوموبىل ئادەتتىكى نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号