باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

بىر ئايال يوقاپ كېتىپ بىر ئايدىن كېيىن جەسىتى لاي ئارىسىدىن تېپىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 10:50 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىچۈەن ئۆلكىسى باجوڭ شەھىرى توڭجياڭ ناھىيەسىدە تۇرىدىغان يۈەن xx ئىسىملىك ئايال بىر ئاي ئىلگىرى يوقاپ كەتكەنىدى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ساقچىلار ئۇنىڭ چامادانغا سېلىپ تاشلىۋېتىلگەن جەسىتىنى توڭجياڭ ناھىيەسى گۇاڭنا بازىرىدىن بىر پاتقاقلىقتىن تاپتى، ساقچىلار ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇنىڭ دەل بىر ئاي ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن ئايال يۈەن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى ئاللىبۇرۇن قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، دېلو يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا رازۋېدكا قىلىنماقتا.

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى توڭجياڭدىكى بىر سۇپىدا بىر ئادەم ئىزدەش ئېلان چىقىرىلغان: يوقاپ كەتكۈچىنىڭ ئىسمى يۈەن xx، ئايال، 25 ياش، سىچۈەن ئۆلكىسى توڭجياڭ ناھىيەسى گاۋمىڭ يېڭى رايونى جياۋپىڭ كەنتى 4-گۇرۇپپىسىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئەقلى يەڭگىل دەرىجىدە كەمتۈك، ئورۇقراق، چېچىنى قويۇۋېتىپ يۈرىدۇ، بوي ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر ئەتراپىدا، نوپۇسى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە، يەنى توڭجياڭ ناھىيەسى ياڭبو بازىرى لوزىپو كەنتى 8-گۇرۇپپىدا. ئىگىلىنىشىچە، يۈەن يېقىندىن بۇيان مومىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يانفونى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن مىنشېڭ كوچىسىدىن ئاپتوبۇس بىلەن توڭجياڭ ناھىيەسىگە ئىش بېجىرگىلى كەتكەندىن باشلاپ ئېتىلىپ قالغان، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق. يۈەن xx ئۆيدىن چىققاندا ئۇچىسىدا قىزىل چاپان، ئاق مايكا، قارا ئىشتان، قىزىل ئاياغ بار ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号