باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

ھىندونېزىيەدە بىر تىمساھنىڭ بوينىغا بالون كىيىلىپ قالغىنىغا ئىككى يىل بولدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 11:11 7 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندونېزىيەدىكى بىر دەريادا ياشايدىغان بىر تىمساھنىڭ بوينىغا موتسىكلىت بالونى كىيىلىپ قالغىنىغا ئىككى يىل بولغان.

شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بۇ ئەھۋالنى 2016-يىلى تۇنجى قېتىم بايقىغان بولۇپ، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يەنە شۇ ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئەينى ۋاقىتتا تىمساھ قىرغاققا يېقىن يەرگە چىققان بولۇپ، بېشىنى سۇدىن چىقىرىپ قىينىلىپ نەپەس ئېلىۋاتاتتى. كىشىلەر ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن تۆت مېتىر كېلىدىغان بۇ تىمساھنى نەسلى قۇرۇشقا ئازلا قالغان سىئام تىمساھى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. نۆۋەتتە، سۇلاۋېسى ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ پىدائىيلىرى بۇ تىمساھقا ياردەم قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمگىكى بىكارغا كېتىۋاتماقتا. چۈنكى تىمساھ كىشىلەر قۇرۇقلۇققا تاشلىغان تىرىك توخۇ يەمچۈككە ئانچە قىزىقمايۋاتىدۇ.

تىمساھنىڭ بوينىغا كىيىلىپ قالغىنى دەريا تاشلىۋېتىلگەن موتسىكلىتنىڭ بالونى. ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئورنىنىڭ ئەمەلدارى بالون ۋاقتىدا ئېلىۋېتىلمىسە تىمساھنىڭ گەۋدىسى چوڭايغانچە ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەكلىماكان 25 كۈن ئىلگىرى

    ھىندىنوزىيە مۇھىت قوغداش تارماقلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ كاللىسى ئىشلىمەمدۇ ھېچ ھېلىقى ناركوز قىلىش ئوقى چۈشىدىغان مىلتىق بىلەن ئېتىپ ھوشسىزلاندۇرۇپ ئېلىۋەتسە بولىدىغان نەرسە ئۇ. توخۇنى قويساق يېمەيۋاتىدۇ دەپ

  • Armani6 كۈن ئىلگىرى

    تىمساقنى ئۆلسۇن دىگەنلەر رەھىمسىز ئىكەن! ئەمىليەتتە تىمساق شۇنداق دىگەنلەردىنمۇ ئەتىۋارلىق ھايۋان!

  • KOR@MIZ1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ تىمساق بەك سېمىزمۇ نىمە مەن ئۇزۇنلۇقى 3مىتىر كەلگۈدەكنى كۆرگەن ئىدىم باغچىدا ئەمما گەۋدىسى ئۇنداق چوڭ ئەمەستى

  • بەرنا1 ھەپتە ئىلگىرى

    گۈلىستان نۇرداش كۆڭلۇمدىكىدەكلا ئىسىل گەپتىن بىرنى قىلدىڭىز ، ئاپىرىن ....

  • گۈلىستان1 ھەپتە ئىلگىرى

    تىمساھ ۋەھشى لىكىن ئومۇ جانلىق،ئوزۇقلۇق چەمبىرىكى ئەمىليەتتە ئادىل ،ئۇنى ئۆلسۇن دىگەنلەر تېخىمۇ رەھىمسىز.

  • 131******571 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۆلتۈرۈپ قويسا ياخشى ئەمەسمۇ؟

  • شاھرۇخان1 ھەپتە ئىلگىرى

    گەپ ئاڭلىمىسا چەمبىرەك ئەپسۇنىنى ئۇقۇسا بۇلىدىكەنغۇ،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号