باش بەت

خەندان

1480يوللانما
101مەستانە

ئەڭ يېڭى فانتازىيىلىك تىياتىر «كاربونلۇق ئۆزگىرىش» يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ۋە سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 12:06 0 ئىنكاس چۈشتى

20180113104654524.jpg

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Netflix فانتازىيىلىك تىياتىرى «كاربونلۇق ئۆزگىرىش: كۆپەيتىلگەن نۇسخا»(碳变/副本) يېڭى تەشۋىق مۇقاۋىسى ۋە فىلىمىنى ئېلان قىلدى، تەشۋىق سۈرەتلەردە خالتىغا قاچىلانغان ئادەم بەدىنى نامايەن بولغان بولۇپ، ئۈستىگە «بەدىنىڭىز ھەقىقىي سىزنىڭ ئەمەس» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.

چاد مورگېن (Chad Morgan)نىڭ داڭلىق رومانىدىن ئۆزگەرتىپ سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن بۇ تىياتىردا 250 يىلدىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىۋى ئېڭىنى رەقەملەشتۈرۈپ ساقلاپ، ئوخشىمىغان بەدەنلەرگە يەتكۈزۈشكە بولىدۇ. قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دۇنيادىكى ئەڭ باي زەردار ئەسلىمىسى پېچەتلەنگىلى ئۇزۇن بولغان سابىق ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەسكىرىنى ياللاپ، ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.

بۇ تىياتىردا جوئول كىننېمېن، جېيمىس پۇرېفوي، كىرىس كاننېر، كرىستىن لېيمېن، بايرون مېن، خىرو كاناگاۋا قاتارلىقلار رول ئالىدۇ، بۇ تىياتىر 2-ئاينىڭ 2-كۈنى تورغا چىقىدۇ.

يېڭى تەشۋىق مۇقاۋىلىرى:

Netflix فانتازىيىلىك تىياتىرى «كاربونلۇق ئۆزگىرىش /كۆپەيتىلگەن نۇسخا»(碳变/副本) نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىق فىلىمى تۈنۈگۈن تارقىتىلغان بولۇپ، تەشۋىق فىلىمدە گۈزەل چىراي ۋە گۈزەل بەدەنلەر نامايەن بولۇشتىن سىرت، مەينەت مەخپىيەتلىكلەر ۋە قانلىق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەنگەن، ئون قىسىملىق بۇ فانتازىيىلىك تىياتىر 2018-يىلىدىكى فانتازىيە تىياتىرلىرىغا ئامراق كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.

تەشۋىق فىلىم:

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号