باش بەت

ئۈمىدجان

332يوللانما
2مەستانە

خوندا JADE RS ئۇقۇم ئاپتوموبىلى توكيودا نامايان بولدى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 13:13 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2018-يىللىق توكيو ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار كۆرگەزمىسىدە خوندا JADE RS Custom Concept ئۇقۇم ئاپتوموبىلى رەسىمىي نامايان بولدى. يېڭى ئاپتوموبىل ھازىرقى JADE ئاساسىدا ياسالغان، تاشقى قىياپەت جەھەتتە يۈرۈشلۈك زاپچاس كۆپەيتىلىپ قارىماققا تېخىمۇ سپورت پۇرىقىغا ئىگە بولغان.

 ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولسا ئالدى سالاسۇنىغا پارقىراق قارا رەڭلىك ھەرە كۆنىكىسىمان لايىھە قوللىنىلغان ھەمدە دىقەتنى تارتىدىغان «RS» بەلگىسى سالاھىيەتنى ئىپادىلەپ بەرگەن، ئاشۇرۇلغان LED چوڭ چىراغنىڭ سەپلىنىشى خاسلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن، قارىماققا سپورت تۇيغۇسىغا ئىنتايىن باي كۆرۈنىدۇ.

يان تەرەپتىن قارىغاندا يېڭى ئاپتوموبىل ھازىرقى JADE ئاپتوموبىلنىڭ گەۋدە سىزىقلىرىنى ساقلاپ قالغان، بىراق ئېگىزلىكى 15mm تۆۋەنلىتىلگەن، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى ھالىتى ئاتا قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە ئەڭ يېڭى پارقىراق قارا رەڭلىك بەش شادىلىق چاق گەردىشى سەپلەنگەن، سىرت ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ھەمدە ئاپتوموبىل قۇيرۇقىدىكى ئارقا ھاۋا ئېقىمى ئۈزۈش تاختىسىغىمۇ پارقىراق قارا رەڭلىك سىر قوللىنىلغان، پۈتكۈل كۆرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە نۆۋەتتە ئورگان تەرەپ كونكرېت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلمىدى. لېكىن ھازىرقى خوندا JADE ئاپتوموبىلىغا 1.5T ۋە 1.8Lلىق ئىككى خىل موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 156 ئات كۈچى ۋە 141 ئات كۈچى، ھەرىكەت ئۇزىتىشتا بەش خوتلۇق قول خوت ھەمدە CVT تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号