باش بەت

ئادىلجان

8583يوللانما
123مەستانە

ئالما دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ PC كارخانىسىغا ئايلاندى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 12:02 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بازار تەكشۈرۈش شىركىتى IDC بىلەن Gartnerنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى ئالما دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ PC كارخانىسىغا ئايلانغان. بۇلتۇر ئالما Mac كومپيۇتېرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 20 مىليون دانىگە يېقىنلاشقان. 2017-يىلى ئۈچىنچى پەسىلدە ئالما ئېلان قىلغان Macنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى  13 مىليون 900 مىڭ بولغان. 

IDC بىلەن Gartnerنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى تۆتىنچى پەسىلدە ئالما Mac كومپيۇتېرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بەش 5.4 مىليوندىن 5.8 مىليونغىچە ئارىلىقتا بولغان. 2016-يىلى ئالما Mac كومپيۇتېرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 16 مىليون 600 مىڭ دانىغا يەتكەن، ئەگەر بۇلتۇرقى Macنىڭ سېتىلىش مىقدارى 20 مىليونغا يەتكەن بولسا ئۇ ھالدا Macنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4-%6 ئاشقان بولىدۇ. ئەمما 2017-يىلى يېڭى رېكورت يارىتالمىدى، 2014-يىلى ۋە 2015-يىلى Macنىڭ سېتىلىش مىقدارى بىردەك 20 مىليوندىن ئاشقان. 

ئالمىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان PC كارخانىلىرى ئايرىم-ئايرىم HP، ليەنشياڭ ۋە دېل بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2017-يىلىدىكى سېتىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 58 مىليون 800 مىڭ، 54 مىليون 800 مىڭ ۋە 41 مىليون 800 مىڭ. Gartnerنىڭ بىلدۈرۈشىچە، PC مال چىقىرىش مىقدارى ئۇدا ئالە يىل چۈشۈپ كەتكەن، شۇڭا بۇلتۇر ئالما Mac  خېلى يامان ئەمەس سېتىلغان. ئالما 2017-يىلى  MacBook Pro ۋە iMac مەھسۇلات لىنىيەسىنى يېڭىلىغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى Kaby Lake بىر تەرەپ قىلغۇچ قوشۇلغان ھەمدە ئەڭ يېڭى iMac Pro چىقىرىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号