باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

ئەنگىلىيەلىك 190 كىلوگراملىق ئەر يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ 95 كىلوگرام ئورۇقلىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 11:36 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەدىكى ئېغىرلىقى 190 كىلوگرام كېلىدىغان بىر ئەر يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەسلىدىكىنىڭ يېرىمىچىلىك ئورۇقلىغان. 43 ياشلىق تونىي ئەنگىلىيەنىڭ سۇففولك ۋىلايىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۈچ بالىسى بار. ئىلگىرى ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك نۇرغۇن ئەخلەت يېمەكلىك يېگەنلىكتىن سەمىرىپ ئېغىرلىقى 190 كىلوگرامغا چىقىپ كەتكەنىدى.

تونىي: «ئۇ ۋاقىتلاردا يەۋاتقان نەرسىلىرىمنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكى بىلەن كارىم يوق ئىدى، قوش قەۋەتلىك پىشلاقلىق ھامبۇرگ بولكىسىدىن بەشنى ھېچ قىينالمايلا يەۋېتەتتىم» دېدى. 

كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تونىي ئىش-ھەرىكەتتە قىينىلىشقا باشلىدى، تەخمىنەن 150 سانتىمېتىرلىق بېلى خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشقا ئىمكانىيەت بەرمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۈنلىرى ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرۇش، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىشقا بېرىش، ئىشخانىدا ئولتۇرۇش، يەنە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىش، كىرىسلودا ئولتۇرۇش ۋە ئۇخلاشتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالدى.

ئېغىرلىقى 127 كىلوگرامغا يەتكەندە تونىي چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلالمىدى. چۈنكى ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بەك بىئارام بولۇپ كېتەتتى. ئۇ ئەسلەپ: «ئايروخانقىزلارغا بېزىندىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئېيتىش ئادەمنى بەكلا ئوڭايسىزلاندۇراتتى» دېدى.

كېيىن تونىينىڭ ئايالى ئۇنىڭ كىرىسلودا ئولتۇرغان ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. سۈرەتتە، تونىي «غايەت زور» كۆرۈنەتتى. دەل مۇشۇ سۈرەت سەۋەبلىك تونىي قەتئىي ئورۇقلاش نىيىتىگە كەلدى ھەم شۇ جايدىكى ئورۇقلىتىش كۇلۇبىغا ئەزا بولدى. بۇ جايدا ئۇنىڭدىن ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈش تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق گۆشى، ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشى، كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە يېدى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ، قىسقىغىنە ئىككى يىلدا تونىينىڭ ئېغىرلىقى 190 كىلوگرامدىن 95 كىلوگرامغا، بەل ئايلانمىسى 86 سانتىمېتىرغا چۈشتى.

2017-يىلى تونىي ئوغلى بىلەن سىنوۋدېن تېغىغا چىقتى. ئىلگىرى ئۇ بۇنداق قىلىشنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتى. ھازىر تونىي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستلىرىدە بىر كىچىك ئەترەت قۇرۇپ سېمىزلەرنىڭ ئورۇقلىشى ئۈچۈن پىسخىك مەسلىھەت بېرىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号