باش بەت

ئۈمىدجان

448يوللانما
2مەستانە

2018-يىللىق تىگۈەن L ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىندى: باھاسى 223 مىڭ يۈەندىن 359 مىڭ يۈەنگىچە

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 11:20 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ 12-كۈنى شاڭخەي ئاپتوموبىلچىلىقى ۋولكسۋاگېننىڭ 2018-يىللىق تىگۈەن L ئاپتوموبىلى رەسىمىي بازارغا سېلىندى، يېڭى ئاپتوموبىل 2.0TSI يۇقىرى، تۆۋەن قۇۋۋەتتىكى ماتور سەپلەنگەن جەمئىي يەتتە خىل تىپتا چىقىرىلغان ھەمدە ئىككى چاق سۆرەش ۋە تۆت چاق سۆرەش تىپىنى تاللاشقا بولىدۇ، باھا دائىرىسى 223 مىڭ 800 يۈەندىن 359 مىڭ 800 يۈەنگىچە. تىگۈەن L ئوتتۇرا تىپلىق SUV دەپ بېكىتىلگەن، تىگۈەن يىپەك يولى نۇسخىسى، ئىمپورت يېڭى Tiguan بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئوخشىمىغان بازارنى نىشانلىغان. تەپسىلىي باھا ئەھۋالى يۇقىرىقى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك.

2017-يىللىق تىپىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى قىياپەت ۋە ئىچكى بېزىكىدە ئۆزگىرىش يوق، ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش 2017-يىللىق نۇسخىدىكى تىگۈەن Lنىڭ 330TSI ئاپتوماتىك ئىككى چاق سۆرەش مودا نۇسخىسى، 330TSI ئاپتوماتىك ئىككى چاق سۆرەش راھەت نۇسخىسى، 330TSI ئاپتوماتىك ئىككى چاق سۆرەش ھەشەمەت نۇسخىسى ھەمدە 330TSI ئاپتوماتىك ئىككى چاق سۆرەش بايراقدار نۇسخىسىغا تىگۈەن 330TSI تىپىغا ئوخشاش ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 186 ئات كۈچىلىق 2.0T تۆۋەن قۇۋۋەتلىك ماتور ئالماشتۇرۇلغان، باھاسى ئۆزگەرمىگەن، بەلگىلىك دەرىجىدە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغان.

پۈتكۈل جەھەتتىن قارىغاندا، 2018-يىللىق تىگۈەن L ئاپتوموبىلىغا 2.0TSI يۇقىرى-تۆۋەن قۇۋۋەتلىك ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 186 ئات كۈچى ۋە 220 ئات كۈچى. ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 320 نيۇتون مېتىر ۋە 350 نيۇتون مېتىر. ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا يەتتە خوتلۇق نەم قوش مۇفتلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号