باش بەت

خەندان

759يوللانما
78مەستانە

2018-يىلى 1-ئايدا باشلىنىدىغان كورېيە يېڭى تىياتىرلىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 13:10 5 ئىنكاس چۈشتى

كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىلنىمۇ بىر ئوبدان باشلىۋالدۇق، يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى بىلەن تورداشلارمۇ قانداق كورېيە يېڭى تىياتىرلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىغا قىزىقىۋاتسا كېرەك، بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە 2018-يىلى 1-ئايدا تاراتقۇلاردا باشلىنىدىغان يېڭى تىياتىرلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمەن، بۇ ئايدا يەتتە تىياتىر يېڭىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

 KBS1 تىياتىرى-«چاۋشىيەنلىك ساھىبجامالنىڭ بىرەسمىي تەرجىمىھالى»(朝鲜美人别传)

قويۇلۇش ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 6-كۈنى

بۇ تىياتىردا ئەنئەنىۋى مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللارنىڭ مۇككەل بىرلىكىنى كۆرەلەيسىز، چاۋشيەن دەۋرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بۇ تىياتىردا ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق ياشلارنىڭ جۇشقۇن ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ، مۇزىكىلىق تىياتىرغا ئوخشاپ كېتىدۇ. فىلىمدىكى ئەر باش رولچى رولىنى PENTAGON گۇرۇپپىسىنىڭ باش ناخشىچىسى YEO ONE ئالغان بولۇپ، ئالاھىدە رول ئېلىش ماھارىتىنى نامايەن قىلىشتىن سىرت، گۈزەل ساھىبجامالچە پەردازلىنىپ چىقىدىغان كۆرۈنۈشلىرىمۇ بار. ئايال باش رولنى داڭلىق مۇزىكانت كىم نانى ئالىدۇ.


OCN تىياتىرى «غەم قىلىش»(操心)

قويۇلۇش ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى

8 قىسىملىق بۇ تىياتىرغا «Happy Sisters» تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى خوڭ مىنيەن رېژىسسورلۇق قىلغان، بۇ تىياتىردا ئى جۇڭشىن، ئى يۇلئۇم، سو جىخۇن ۋە ئى جۇخيېئوڭ قاتارلىقلار رول ئالىدۇ، تىياتىردا تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇنتىيالمىغان ئەر باش قەھرىمان زاماندىن ھالقىپ ئون يىل ئاۋۋالقى ۋاقىتتا بېرىپ، ياش ھالەتتىكى ئۆزىنى ئۇچرىتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تەقدىرگە قارشى كۈرەش قىلىشتەك ھېكايىلەر بايان قىلىنىدۇ.

MBN تىياتىرى «يېئوننامدوڭ 539»(延南洞539)

قويۇلۇش ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 10-كۈنى

بۇ MBN تېلېۋىزىيىسىنىڭ «تەڭرىنىڭ كۆز يېشى» تىياتىرىنى كۆرسەتكەن ئۈچ يىلدىن كېيىنكى يېڭىدىن ئىشلىگەن 12 قىسىملىق مۇھىت كومېدىيىلىك تىياتىرى بولۇپ، بۇتىياتىردا ئى جوڭخيوك، ئو يۈنئا، ئى مۇنشىك، Teen Top ئەزاسى ئى چانخې قاتارلىقلار رول ئالغان. سېئول يېئوننامدوڭدىكى share house ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، يەڭگىل كومېدىيە ئۇسۇلى بىلەن ھازىرقى دەۋردىكى «توي قىلماسلىق»، «ئايرىلىپ تۇرۇش»، «تور جىنايىتى» ۋە «تېلېفون ئالدامچىلىقى» قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى بايان قىلىنغان.

SBS تىياتىرى « Return»(قايتىش)

قويۇلۇش ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى

بۇ تىياتىردىكى ئەر-ئايال باش رولنى ئى جىنئۇك بىلەن گو يونجېئوڭ ئالغان بولۇپ، ھەر ئىككەيلەن رول ئېلىشتا ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئارتىسلاردۇر. ئى جىنئۇك «ئۇتتۇرلۇق»(ئانچە باي ئەمەس) ئادۋوكاتنىڭ رولىنى ئالىدۇ، گو يونجېئوڭ بولسا ئېرى جىنايەت گۇماندارىغا ئايلىنىپ قالغان يېڭىياچى ئادۋوكاتنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئىككەيلەننىڭ بىرلىكتە يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن قاتىللىق دېلوسىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھېكايىلىرى بايان قىلىنىدۇ.

tvN تىياتىرى «ئانا»(母亲)

قويۇلۇش ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 24-كۈنى

بۇ تىياتىر شۇ ناملىق ياپونىيە تىياتىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئائىلە خورلىقىغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇ بالىنىڭ ئانىسى بولۇشنى قارار قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قېچىپ كېتىش ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ تىياتىردا ئى بويۇڭ، جاڭ سۇشۇ ۋە كو سۇڭخې قاتارلىقلار رول ئالىدۇ.

tvN تىياتىرى « cross»(گىرەلەشمە)

قويۇلۇش ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

بۇ يېڭى تىياتىردا تالانتلىق دوختۇر كاڭ ئىنگۇ(گو يۇڭپيو رولىدا) ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرمە داۋالاش بۆلۈمىگە خىزمەتكە چۈشىدۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھى كۈچلۈك بولغان يەنە بىر دوختۇر گو جۇڭخۇن ئىككەيلەننىڭ جىنايەتچىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ھېكايىلەر بايان قىلىنىدۇ.

KBS 2TV تىياتىرى «رومانتىك رادىيو ئۇزىلى»( radio romance)

قويۇلۇش ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

بۇ تىياتىردا سېنارىيە بولمىسا ھېچ ئىش قىلالمايدىغان كاتتا چولپان جى سۇخو(يون دوجۈن رولىدا) بىلەن ئۇنى رادىيو ئۇزىلى رىياسەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلغان رادىيو ئىستانسىسىنىڭ سېنارىستى سوڭ گېئىم(كىم سۇخيۇن رولىدا) ئوتتۇرىسىدىكى رومانتىك مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ تىياتىر «Jugglers» دىن كېيىنلا ئۇلاپ كۆرسىتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، يۈنباك، قىزلار دەۋرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يۇرا، گۋاك دوڭيون، ئى ئىئۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ئېسىل رول ئېلىش ماھارەتلىرىدىن بەھىرلىنىسىز!

قانداق؟ بۇ ئايدا قويۇلىدىغان كورېيە تىياتىرلىرىمۇ سەرخىل، مۇھەببەت، قانداشلىق، دوستلۇق، ئاداۋەت ۋە مېدىتسىنا تېمىسىدىن تارتىپ ھەممىسى بار. بىرەرسىنى ئىز قوغلاپ كۆرۈشكە تەييارلاندىڭىزمۇ؟!

باش سۈرەت تاللاش x
  • تاتلىق ھايات6 كۈن ئىلگىرى

    پاك شىنھېي رول ئالغان يىڭى تىياتىرلار يوقمۇ تەھرىر

  • 186******781 ھەپتە ئىلگىرى

    باشقا توربەتلەردە كورىيەنىڭ يىڭى تىلۋىزىيە تىياتىرنى ئېلان قىلمايدىكەن ،نىمىشقا

  • چالاقۇشى1 ھەپتە ئىلگىرى

    قەدىمقى تىلىۋىزىيە تىياتىرلىغا بەك ئامراق مەن

  • قەيەردە سەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇلا تېلۋىزوردا قويۇلامدۇ ياقمۇ

  • 이종석1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئادۇۋكاتلىق بىلەن دوختۇرلۇق تېمىسىدىكى تېلىۋىزىيە تىياتىرىغا قىزىقىمەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号